ئەرلەر ئاياللاردىن كۆڭۇللۇك ياشايدۇ
ئەرلەر ئاياللاردىن كۆڭۇللۇك ياشايدۇ .
بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن، تۆۋەندە ئېيتقانلىرىم بىرئاز تومتاق بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئەمەلىيەت.
ئەرلەر ئېغىر ئاياق بولمايدۇ. سۇ ئۈستى باغچىسىغا مايكىچان ياكى مايكا كىيمەيمۇ بارالايدۇ .
كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتكەندە، ھاجەتخانا ئىزدەپ ئاۋارە بولمايدۇ. ھاجەتخانىنى مەينەت كۆرۇپ يەنە بىر ھاجەتخانىغا يۆتكىلىپ ئاۋارە بولمايدۇ .
بۇرما مىخنى قانداق چىقىرىش ئۈستىدە ئويلىنىپ يۇرمەيدۇ. بوتۇلكىنى ئاچالماي قالىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ .
ئوخشاش خىزمەت ئىشلەپمۇ ئاياللاردىن يۇقىرى ھەققە ئېرىشىدۇ .
زۇڭتۇڭ بولۇش پۇرسىتى يۇقىرى بۇلىدۇ. يۈزىدىكى قورۇق ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .
ئۇ توي قىلسا فامىلىسى ئۆزگەرمەيدۇ .
ئۇباشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، خەق ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاراپ تۇرۇۋالمايدۇ .
ئاندا-ساندا كېكىرىپ قويسىمۇ سالاپىتىگە كۆپ تەسىر يەتمەيدۇ .
شاكىلات ئۇنىڭ يەنە بىر خىل تېز تامىقى.
يېڭى ئاياغ ئۇنىڭ پۇتىنى غاجاپ قاپىرىتىپ قويمايدۇ .
ئۇنىڭ كەيپىياتى بىرقەدەر تۇراقلىق. تېلفۇندا يېرىم مىنۇت سۆزلەپلا گىپىنى تۇگىتەلەيدۇ .
ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئازراقلا ئىنچىكىلىك قىلسا، كۇتمىگەن ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ .
بەشكۈنلۈك ساياھەتكە بىردانە قول سومكا بىلەن كېتىۋېرىدۇ .
ئۈچ جۈپ ئاياغ ئۇنىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ .
ئۇ كىيىمىنىڭ پۇرلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
بىر نەچچە يىل ياكى نەچچە ئون يىل بىر خىل چاچ پاسونىدا تۇرالايدۇ. پەقەت ساقال بۇرتىنى قىرىپ تۇرسىلا كۇپايە .
ئۇ بىر ئۆمۇر ئويۇنچۇق ئويناپ ئۆتسىمۇ بولىدۇ .
تومپىيىپ چىققان قورسىقى كېلەڭسىز كاسسىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ .
ئۇ توت پەسىلدە بىرلاخىل ھەميان تۇتسا، بىرلاخىل ئاياغ، بىر خىل رەڭدە كىيىم كىيسىمۇ بولىدۇ .
پۇتىنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، كالتە ئىشتان كىيىپ يۇرەلەيدۇ .
ئۇ يېنىدىكى بەكىسى بىلەن خالىغان چاغدا تىرنىقىنى ئالالايدۇ. بۇرۇت قويۇش-قويماسلىق ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا بولىدۇ .
شۇڭا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا كۆڭۇللۇك ياشايدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نىمىسى بار دەيسىز ؟
2006- يىل 3-سان«تەرمىلەر» ژورنىلىدىن ئېلىندى
خەتكۈچلەر:ئەرلەر،