ماي 14
ئالقىنىمدا بىر سىقىم تۇپراق
شىھىت روھلارنىڭ ھىدى كېلىدۇ
ئاڭلىنىدۇ ئۆلگەن ئاۋازلار
قوياش ھارارىتى،يۇلتۇز شولىسى
ساتارنىڭ،غىجەكنىڭ،داپنىڭ،راۋاپنىڭ
قاداق باسقان ئالقانلارنىڭ ھەم
ھىدلىرىنى پۇرايمەن بۇدەم.
تۇپراق
ئەينەك گويا سۈرتۈلمەي قالغان
ئەكىسلىنەر يىللار سىماسى
ئوردىلارنىڭ خارابىللىرى
مىڭ ئۆيلەر
مەڭگۈ تاشلار
تاشقا ئايلانغان ساھىپجاماللار
ۋاقىت ئوچاقلىرىدا كۆيۈپ قاردىغان
ئۆلگەن سەلتەنەتلەرنى كۆرسىتەر ئەينەن.
ئەينەك چوڭقۇرلىقىغا سۈرگۈنلەنگەن روھ
قاناتلىرىنى يايدى
زامان تۇلپارلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى
بوشلۇڭتا سېسىغان بۇلۇتلار ئۈزرە
سۈكۈت لەھزىسىگە سىڭدى،يوقالدى.
ئالقىنىمدا پەقەت شور ئارىلاش
بىر سىقىملا شور توپا قالدى.
ئالقىنىمدا بىر سىقىم تۇپراق
جەنۇپ دېھقانلىرىنىڭ كەلمەكتە ھىدى
يار-يار ھارۋىنىڭ غىچىرلاشلىرى
سوقما تاملار.چەللە باراڭلار
ئاچچىق ئىسلارنى پۈركىگەن تۇرخۇن
غېرىپ مەسچىت،ئاپپاق ساقاللىق
بوۋاي ئېيىتقان ئەزەن ئاۋازى
قىغ دۆۋلەنگەن توپا يوللاردىن
ئېقىپ كېلەر تاش قەلىپلەرگە…..
قولۇمدا قىلىچ
ۋاقىتنى كەستىم سۇنى كەسكەندەك
مۇسا دېڭىز سۈيىدىن چىقىپ كەتكەندەك
كەپتەرلەر قان يۇقى ئۆرلىدى كۆككە
مىڭ يىل ئاۋالقى شات ئاۋازىدا
ئۈنلىگەچ ئۇچۇشتى قەشقەر تەرەپكە…..
قەشقەر
توپا چىراي ئىسسىق شەھەرسەن
ئەينەكتىكى سۈزۈك سەھەرسەن.
خورجۇنىدىن پەيغەمبەرنىڭ
چۈشۈپ قالغان ئېسىل گۆھەرسەن.
بۇ يوللاردىن ئۆتتى مۇساپىر
بۇ يوللاردىن ئۆتتى قاراقچى
بۇ يوللاردىن ئۆتتى پەيلاسوپ.
سەلتەنەتنىڭ چاڭ-توزاڭلىرى
قېلىنلاشتى ئۈستۈڭگە قونۇپ.
ئاسمىنىڭدا يۇلتۇز بولمىغاچ
تۇپرىقىڭدىن ئۈندى كۆپ يۇلتۇز.
قەشقەر! دىدى كېسىلگەن باشلار
قەشقەر! دىدى ئاختىلانغان تەن.
نۇزۇگۇمنىڭ كۆز ياشلىرىدىن
باشلاندى ھەم قەدىمى تۈمەن.
نىچۈن بۇنچە مۇڭلۇق شەھەرسەن؟
نىچۈن سېنىڭ سېپىلىڭ ھەيۋەت؟
نىچۈن سەندە پەيلاسوپ كۆپ-يۇ،
نىچۈن كۆپتۇر زۇغۇيلۇق،غەيۋەت؟
نىچۈن ئۇلۇغ تۈمەننىڭ ئاھى؟
نىچۈن يەنە سۈيى بەك مەينەت؟
ئاسمىنىڭغا پۈركۈپ چىققان چاڭ
كۆز يېشىڭمۇ ياكى سەلتەنەت؟…..
قەشقەر
توپىغا ئايلاندى
ئالقىنىمدىكى.
بىر سىقىم تۇپراقنى كاپ ئەتتىم
ئۆلگەن روھلار پۇراپ تۇرغان تۇپراقنى.
ئاتقا ئايلاندىم
قانات چىقاردىم
سۇنغان قىلىچلار جىرىڭشىيدۇ ئىگەردە
ئىگەر قان.
قان دېڭىزىدەك كۆرنىدۇ تەكلىماكان.
ھېيىتكار….كاللارمۇنارى….
قان تۈگمىنى…
خورجۇنۇمدا زاغرا نان….
چۆل يالقۇنلىرىدا ئىسلانغان كۆڭۈل
كۆيۈپ قاردىغان قۇران.
ھەرىپلەردىن كۆرىمەن سېنى
ئايەتلەردىن تەڭرىنى.
مۇقەددەس ۋەھىيلەر،ئىشەنچ،چاقرىقلار
زاھىت تەسۋىسىدە ئايلاندى تاشقا.
توغراقلار سۈكۈتنىڭ لەرزىدە قالدى
ھەم مەجبۇر بولدى شۇنداق ياشاشقا……
تۇپراق
بوغۇزۇمدىن ئۆتتى
ئاچچىق تەمى بىردەملىك يۈتتى
ئات
ھېمىتنىڭ سېيىدا چېپىۋاتاتتى
يارلانغان ئات.
پىرچەڭگى سۆڭكىدىن ياسالغان تەمبۇر
ۋاقىت ئېكىنلىرىنى سۇغىرار ھارماي…..
جەنۇپ تۇپراقلىرىدا شورلاشقان
يۈرەكلەرنى سەگىتىدۇ ئاخشامدا
يىغلاڭغۇ ئاي
ئوخشاپ ئاماننىسانىڭ تاغىقىغا
جۇل-جۇل كۈڭۈللەردىن ئۆتىدۇ ئاستا….
يەكەن سەلتەنەتلىرى بىر چۈش
ئەمدىلا ئويغانغان بىر تىلەمچىنىڭ.
ناغرىنىڭ ئاۋازى كېلىدۇ غەمكىن
زەئىپ ئۈنىنى يۈدۈپ سۇناينىڭ
يەنە بىر رېستۇران ئېچىلدى بەلكىم……