فېۋرال 12
ئىككى تەخمىس
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ناقىس غەزىلىگە تەخمىس
جىلۋەگاھلەر ئىستەدىم، مەرھەم نە، ھېجراندۇر مېنىڭ،
دەم-بەدەم سەرگەشتەلىك، قەتتال ئەفغاندۇر مېنىڭ،
دەھرى ئەسرارى جۇنۇن يادىمغە ئەيياندۇر مېنىڭ،
بىۋەفا دىلبەر غەمى كۆڭلۈمدە پىنھاندۇر مېنىڭ،
شىكۋە①كىمدىن كىمگە ئەيلەي بولسە جاناندۇر مېنىڭ.
غەمزەلەرغە مۇرغى ئىشق مەھكۇم ئەمەسدۇر، ئەي رەفىق،
بۇ فەنالىغ بولسە لېك، ئەقسۇم② ئەمەسدۇر، ئەي رەفىق،
ھەرنەچە ئوتلۇغ نەفەس، مەئدۇم③ ئەمەسدۇر، ئەي رەفىق،
كېچەلەر ئەفلاك④ ئۆزە ئەنجۇم⑤ ئەمەسدۇر، ئەي رەفىق،
چەرخ يۈزمىڭ كۆز بىلە ھالىمغە ھەيراندۇر مېنىڭ.
ھىممەتى جان زەھمىغە ئەيدى نىھان مەرغۇب دىدار،
لەبلەرىڭ سەدقى تىلەب شەۋقىغە ئولدۇم زارە-زار،
ھەجر ئافەتدىن ھەمانا يەتمەگەيلەر ئىيدبار،
بولمىسە ۋەسلىڭ خەيالىدىن كۆڭۈلگە ئىيد زار،
نې ئۈچۈن جانىم نەفەس تىغىدا قۇرباندۇر مېنىڭ.
مېنى بۇيلە ھالدا زار ئەيلەپ، ئۆزۈڭ ئويناتماغىل،
بەر ۋىسالىڭدىن خەبەر، شىرىن سۆزۈڭ ئويناتماغىل،
گۈل سىفەتىڭدىن ئېسەم مەسرۇر، يۈزۈڭ ئويناتماغىل،
ئەي پەرى، رەھم ئەيلە جانىمغە، كۆزۈڭ ئويناتماغىل،
كىم كۆزۈمگە سانچىلۇر ئول شوخ مىژگاندۇر مېنىڭ.
گەرچە يۈز ئاچمىش شۈكۈركىم، سەبرىنى ئەيلەپ ئەدا،
لالە ئەيشىدىن تەرەھھۇم ئەيلىبان شىرىن سەدا،
سۈرەت ئەرمەس، ئارەزى بىھۇش قىلۇرلەر مەن گەدا،
قىلدى سۆز بىر بۇغداي ئۆڭ گۈلچېھرە بۇغدايدەك ماڭا،
لەبلەرىم تا ئورمەئى ئۇمرۇمچە خەنداندۇر مېنىڭ.
داغى ئېرسە يارنىڭ بىدادى گەر ئەفزۇن⑥ ماڭا،
نېچە كىم ھەيرەتدە ئولسا سارغايىب مەجنۇن ماڭا،
شىددەتىمگە ئەيلەبان رىغبەت لەبىي مەيگۇن ماڭا،
ئىشق ئارا قىلغاان بەھادۇرلۇق سۆزىن كەلسۇن ماڭا،
كىم ئىشىتتىم ياردىن مەخسۇس مەيداندۇر مېنىڭ.
غەرقى بادە لال ئېرۇرمەن، ماڭا يۈز رەھم ئەيلەگىل،
ۋەھ، بارىپ پىرى دەير ئاللىدا سۆز، رەھم ئەيلەگىل،
كۆر مېنى دىلخستەنى بەزمىڭدە ئۆز، رەھم ئەيلەگىل،
ئىچمە مەي ئەغيار ئىلە، ئەي قارە كۆز، رەھم ئەيلەگىل،
كىم تەمەننا بىرلە غەيرەتدىن كۆزۈم قاندۇر مېنىڭ.
فۇرقەتىمدىن گويىيا يەتمىش سىتەم دەۋرانەگە،
قەھر بەرقى سالدى ئوت مەن ئاشىقى مەستانەگە،
ئايلانىپمەن بىگەران⑦ ئشق دەشتىدە ئەفسانەگە،
ناقىسا، مىننەت نېدۇر قىلسام فىدا جانانەگە،
ئىشق فەتۋاسى بىلە تەندۇر سېنىڭ، جاندۇر مېنىڭ.
ئىزاھات:
① شىكۋە-شىكايەت، زارلانماق.
② ئەقسۇم-پۇشايمان.
③ ئەفلاك-پەلەك، ئاسمان.
④ مەئدۇم-يوق.
⑤ ئەنجۇم-يۇلتۇزلار.
⑥ ئەفزۇن-كۆپ.
⑦ بىگەران- پايانسىز.
ئوۋچى غەزىلىگە تەخمىس
ئىزىڭنى سىنچىلاپ دىلبەر، ئۇپۇقلارنىڭ دالاسىدىن،
ساماغا كۈن بولۇپ باقتىم ئۆڭۈپ سەبرىم نىداسىدىن،
ئۇزاتتىم ئاينى ئايدىڭسىز خىياللارنىڭ ئاداسىدىن،
جېنىم شام بولدى بۇ تۈنلەر ھاياتىم ئىپتىداسىدىن،
دىدار ۋەسلىڭ تىلەپ كەلدىم مۇھەببەتنىڭ خۇداسىدىن.
سەھەر، ئاھىم پىراقىڭدا يېلىنجاپ تامچىغاي سىم-سىم،
ئاقارسەن كۆزلىرىمدە غەرق قىيانلار يامرىتىپ بەلكىم،
شەپەقتەك سۈزۈلۈپ كەلسەڭ، سېنى پىنھان ئېتىپ چەرخىم،
بۇلۇتلار قاينىغان قاينام ساماغا ئايلىنىپ قەلبىم،
نېسىپ بولغايمىكىن ئاخىر ۋىسالىڭنىڭ زىياسىدىن؟
ئۆزۈمنى ساڭا مەن قەھرىم بىلەن بەتلەپ ئاتارمىشمەن،
يېرىلسا يۈرىكىم چاك-چاك، ئاڭا تاشتەك پاتارمىشمەن،
سېنى كۆرگەن چۈشۈمگە ھەق بىشارەتنى تاپارمىشمەن:
بوسۇغاڭ ئالدىدا جىمجىت بولۇپ رەسۋا ياتارمىشمەن،
جۇنۇنلۇق قىسىمىتى بائىس ماڭا ھەقنىڭ جۇلاسىدىن.
كۆيۈك باغرىمدا ئاتەش تەپ خىيالىڭ ياندۇرۇپ گۈلخان،
يۈرەكنىڭ ئاققىنى ئاققان، ئېقىنلار لەرزىدە ئەفغان،
ئاقارمىش ناتىۋان تۈنلەر سۈكۈتكە قىن يېيىپ ئاسمان،
خىرامان ئارمىنىم ۋەھدەت گۇلابىغا باقار سەرسان،
ساپايەم زارىغا تەشنا باياۋانلار ناۋاسىدىن.
بىشارەت ئىستىدىم، ھېجران مۇھەببەتكە پايان بەرمىش،
پايانلارغا مۇھەببەت لىق تولۇپ تۇرغان جاھان بەرمىش،
بىئار قىسمەت ۋىسالىڭدىن ھامان لەۋزى بايان بەرمىش،
ئۆلۈمكار مەنىلەر مەنزىل-قارارىمغا نىشان بەرمىش،
مېنى ئۈركۈتمە سايەڭنىڭ يەنە سالقىن ھاۋاسىدىن.
يېقىپ لەۋ پايە خاكىڭغا يۈرەرمەن سەجدىگاھ ئىزدەپ،
قايان بارغۇم بۇ ئاشىقلىق كويىدا مەن پاناھ ئىزدەپ،
توزۇپ تۇپراققا ئايلاندىم تېنىڭدىن بىر گىياھ ئىزدەپ،
ساچىڭ دارىدا ياتتىم خوپ، ئەبەدلىك قەبرىگاھ ئىزدەپ،
ماڭا يادنامە قىل ۋەسلىڭ مۇھەببەت ئىنتىھاسىدىن…..