ئۆكتەبىر 23
ھېمىتنىڭ سايلىرى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئۆزلۈكۈم چاقنار غۇۋا قەھرى زىمىستانلار ئارا،
تاشقا ئۈنگەن بىر گىياھمەن بۇندا ھېجرانلار ئارا.
يالتىرار سوغۇق شاماللاردا قىلىچلار شولىسى،
چايقىلار كۆك بۆرىلەرنىڭ ھىدى بارخانلار ئارا.
ئارغىماقلار ئۆركىشىگە مىنگىشىپ تاغلار ياتار،
تاشقا ئايلانغان ساداق سېھرى باياۋانلار ئارا.
قۇرۇغان دەريا ئۈزۈك تاردەك سىنەمگە يۆگىشەر،
قوڭغۇراق تەلقىنلىرى كەلمەيدۇ كارۋانلار ئارا.
يۇلقۇنارمەن ئۆز-ئۆزۈمدىن بىر بۈيۈك روھ قەسرىگە،
چېقىلار تاش سۈكىتى باغرىمدا ۋولقانلار ئارا.
بىر قەدەھ سۇندۇم (نىشانەمدۇر ھېمىتنىڭ سايلىرى)،
كەل قېنى مەشرەپ، ئىچەيلى مۇندا گۈلخانلار ئارا!
1999-يىل 12-ئاي، يېڭسار.
خەتكۈچلەر:ئالاھىدىن،باھا يوللاش
سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.