ئۆكتەبىر 18
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
قان پۇراپ تۇرغان زېمىن يۇتتى سېنى سەكراتىدا،
دەۋزىخىي ھېجران كۆيەر ئاتەش يۈرەكلەر قاتىدا.
لەرزىگەن كۆك گەردىشى ئىزگۈ سادايىڭ بەرقىدە،
بىر بۈيۈك تارىخنى زۇلمەت يالمىدى سېھراتىدا.
چاچتى ئىمانىڭغا نۇر باغرىڭدا ئالتۇندەك ئازاب،
چاقسا چاقماق كۆرمىدى قەۋمىڭ ئۆلۈم سۈكۈناتىدا.
نەيزىلەر سۇندى، قىلىچلار شولىسى ئۆڭدى تالاي،
ئوق بولۇپ ئۇچتۇڭ گويا قەھرىڭدە جەڭگاھ ئاتىدا.
ئاھ، يەنە تۇغقايمۇ خەلقىمنىڭ غۇرۇرى سېنى بىر،
بارمىدۇ سەندەك ئوغۇلدىن تەڭرىنىڭ بەركاتىدا؟
شۆھرىتىڭ باردۇر ئەلەم، تاجدار قەلەمدە قاندىشىم،
يادلىنار ئەشئارلىرىڭ، نامىڭ بۇ ئۇيغۇر زاتىدا!…
2000-يىلى، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭىسار.
خەتكۈچلەر:ئالاھىدىن،باھا يوللاش
سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.