ئۆكتەبىر 18
باياۋانلار بايانى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
يۇتار چاقماقلىرىمنى سوغ نىگاھلارنىڭ باياۋانى،
ئېتەر بەرقىمنى غەرق ئازغۇن سىماھلارنىڭ باياۋانى.
ساما سەتھىدە بىرقەترە ئۇيۇلغان لەختە قان باغرىم،
ياۋان تۈنلەر ئارا پىنھان پاناھلارنىڭ باياۋانى.
سادالارغا تولۇپ ئۈنلەر چۈشۈم پەرۋازىدا سۈكۈنات،
ئەسەبلەر تاشقىنىدا بارىگاھلارنىڭ باياۋانى.
قەدەملەر يۇلقۇنار، تۇيغۇمدا دەھشەتلىك قىيامەت بار،
داۋانلار تاجىدا ئول سەجدىگاھلارنىڭ باياۋانى.
تامار قەلبىمگە قۇشلار تىرنىقىدىن قان ھىدى دەۋرەپ،
سادقلاارغا كۆمۈلگەن سۈبھىگاھلارنىڭ باياۋانى.
زىمىستان بەرگىدە ئاپئاق چېچەك ئاچقان خىيال مەۋجىم،
كۈيۈمنى قەي قىلار قاخشال گىياھلارنىڭ باياۋانى.
كۆرۈمگە سەلتەنەت ئىستەيدۇ ئارمانلار تۇغۇپ ئارمان،
مېنى باغرىدا ئەللەيلەر گۇناھلارنىڭ باياۋانى.
قىلىچلار شولىسىدىن يالتىراپ تۇرغان پايانىمدا-
ياتار ھېكمەت قۇچۇپ زەر قەبرىگاھلارنىڭ باياۋانى!
2000-يىلى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېڭىسار.
خەتكۈچلەر:ئالاھىدىن،باھا يوللاش
سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.