دىلمۇرات
(1)
ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كېسىۋەتتۇق
جاراھەتكە چاپلىشىپ قالغان
ئاپئاق گۈللەرنى ئېلىۋەتتۇق
يۇيۇش تاختىسى ئۈستىدە قالغان نەرسىلەر
ۋاقىت، تەن، ۋە ئەسلىمە.
ۋاقىت قاراڭغۇ ئىدى
جاراھەت ئاپئاق
گۈللەر تۈنۈگۈن ئېچىلغان
قولىمىزدا قالدى شىۋاق.
ھەي، ئىشىكلەرنى ئاچقۇچى
ھەي، بۇ ئىشىكتىن قېچىپ چىققۇچى
ئاۋازىڭ نەقەدەر يىراق؟ نەقەدەر يىراق….
(2)
تاش ئەينەكنى تاللىغان
ياكى ئەينەك تاشنى يالمىغان.
ئۇنىڭ جېنى قوغۇشۇنغا ئەمەس
ئارغامچىغا ئەمەس
كالى سىئانىتقا ئەمەس
سۇغا ئەمەس، ئوتقا ئەمەس
تۆمۈرگە بەنت قىلىنغان.
شۇڭا تۆمۈر چاقىردى ئۇنى
ئىيۇلنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى.
(3)
ئىككى ئىشىك،
ئارىسىدا مۇساپە
ھېرىپ قالغان سەيياھ بىز، سەيياھ.
پىشانەڭدە قاغاش
تاپىنىڭدا ئوت
سەن ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ كەتتىڭ
ئۇشتۇمتۇت.
(4)
ھەي يۇيۇش تاختىسى ئۈستىدە ياتقۇچى
ھەي، بالدۇر قايتقۇچى
كۆزۈڭنى يۇمۇشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ.
كىيىمىڭنى بىز كېسىۋەتتۇق
جاراھەتكە چاپلىشىۋالغان
ئاپئاق گۈللەرنى ئېلىۋەتتۇق
ئازات بولدى تەن
گۈل ساڭا قالدى
بىزگە قالدى تىكەن.
خەتكۈچلەر:دىلمۇرات،
يۈرىكىم بىر خىل بولۇپ كەتتى بۇ شېئىردىن
قەدىمىڭىزگە تەشەككۈر. كىرىپ تۇرارسىز…