چۈش خاتىرلىرى
چۈش يەنىلا شۇ گۈزەل ۋە غېرىپ شولىسىنى چاچقانچە كېتىپ قالدى.بۇ قاراڭغۇ يولدا ئۇنىڭ سۈزۈك ،ئاپپاق سايىسىلا قالدى.مەن ئەمدى ئەشۇ قاتقان سايىگە قاراپ توزغاقتەك توزۇيمەن،قاردەك چېچىلىمەن،ئوتتەك يېنىپ،مۇزدەك قاتىمەن…..يامغۇرلۇق كېچىدىكى غېرىپلىقىمنىڭ ھەممىسىن بىر ئىستىكان سوغۇق سۇ بىلەن ئارلاشتۇردۇم.نەملەشكەن ئالقىنىمغا چاپلىشىپ قالغان بىر تال چاچنىڭ ئۈستىدە يېتىپ يىلانلار ئۇسۇلىنى چۈشەپ چىقتىم…..
چوغ ۋە توزۇندىلار…پۇل ۋە ئىشىك…ئادەم ۋە ئادەمگە ئوخشايدىغانلار….ھەممە نەرسە بىرىككەن،چىڭ چاپلاشقان،نىجاسەتلەردىن گۈللەرنىڭ خۇشپۇرقىنى،ئەسەبى كۈلكىلەردىن كۈز شامالىدەك سۆرۈنلۈكنى،قەدەھلەردىن دۇغلاشقان روھىناتلارنى كۆرۈش ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس…
(2)
داتلاشقان بويتاقلىقنىڭ غېرىپ جىلۋىللىرىدە بۇ ئىشىك ئەنە شۇنداق ئېچىلىدۇ.
كۈلگۈنچەك بۇژغۇنلار ياز ئاسمىنىدىكى ھېسىياتچان بۇلۇتلارغا قاراپ قېلىشقان،ئاداققى پەسىلنىڭ تىترەك باغرىدا قېتىپ قالغان ياۋا ئەتىرگۈللەردىن ئاڭقىۋاتقان دىئالۇگلار،بۇ ئىشىكتىن ئۆتۈپ كىرىپ كېلىۋاتقان ھەربىر يولۇۋچىنى بىردەم توختاپ تەقدىرنىڭ قاراڭغۇ ئازگاللىرىغا سىنچىلاپ قاراپ بېقىشقا،بىردەم يالىڭاچلىنىپ،بىر تال موخوركا چېكىپ ئۆزىگە قايتىشقا مەجبۇرلايدۇ.
مەستلىك يەنە قاراڭغۇ سايىلەرنىڭ ھېسىيات ئىشىكىنى چەكمەكتە…<.<-سۆزلىگۈم يوق،->>دەيدۇ جىگدىلەر. مەن جىگدە چېچەكلىرىنىڭ ئۈنسىز نالەشلىرى ئىچرە قاراڭغۇ ئاسمانغا قاراپ،مۇھەببەتنىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدەك نۇرلار ئىچىدە ئەبىدىلىك قاراڭغۇ جىلغىلارغا سىرغىپ چۈشۈپ كەتكىننى كۆردۈم.
بالىلىق دەۋرىمدىكى قەبىرسىتانلىقتا كۆرگەن چۈشلىرىم بۈگۈن رېئاللىققا ئايلانغان ئىدى…مەن قايتىپ كېلىپ،بۇ قاراڭغۇ ئىشىكتىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ ،ھاياتىمنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇڭلۇق غىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم….
خەتكۈچلەر:owchi