ئايالنىڭ كۆزلىرى
كۆزلەر سۆيگۈ جەزىرىسى كەتكەن ئۇ مۇزلاپ،
ئەينەكلەردە يەر تەكتىدىن باقار ئۇ قىيا.
مىڭ نازاكەت، مىڭ لاتاپەت…ئۆلەيم، مەن ئۆلەي
كۆكرىكىمنى تۇيدۇرماستىن يارار ئۇ گويا.
ھەيھات! سېنىڭ سۆيگۈ ئۈچۈن توۋلىغان كۈيۈڭ،
بىھۇش روھىم ئاخشىمىدا ياندۇردى يالقۇن.
ئەگەر راستىن دېڭىز بولساڭ تاشقىنلا، ئۆرلە!
مەن كۆكسۈڭدە پارە-پارە ئەيلەنگەن دولقۇن!
كۈيدەك گۈزەل گۈلشەنلەردە ئەيلەيدۇ ناۋا
ۋۇجۇتلارنى يېرىپ چىققان سەرگەردان لاۋا.
ئەتىرگۈللەر لەۋلىرىنى سوزغاندا ئاستا
تىرىلدۈرەر مېنى چوقۇم خۇشپۇراق ھاۋا.
كۆزلەر ئويناق، روھلار قۇۋناق، ناخشىنىڭ ئەۋجى
شىر كەيىپ تۈن قۇچاقىغا چۈشمەكتە لەيلەپ.
لاۋۇلدىغان جەزىرىدەك كۆزلەرنىڭ سىھرى
ئۇخلىتىدۇ كۆڭۈللەرنى خارامۇش ئەيلەپ…
خەتكۈچلەر:owchi