ماي 22
خاتىرلەرⅠ
ئوۋچى تور خاتىرىسىمېنىڭ تۇيغۇ مۇساپەم….
ماي 22
خاتىرلەرⅠ
مەن سېنىڭ ئىسمىڭغا ئۆزۈمنى باغلاپسۆرىلىمەنئات قۇيرۇقىغا باغلانغان رەزىل قۇل كەبى.مەن سېنىڭ ئاياغ ئىزلىرىڭنى پايلاپقاراڭغۇلۇققا كۆمۈلىمەنقەبرىستاندىكى چىغىر يول كەبىيمەن سېنىڭ ھېدىڭنى ھېدلاپجان بېرىمەنزەھەر ئىچىپ ئۆلگەن كەبىي**********************كۆزۈم كۆزۈڭدە ئىدىقولۇم –قولۇڭدا.ھەممىسى تەقدىر دېدىئويغانسام، ئوڭۇمدا.مانا ئەمدىقولۇڭنى ئۆزگىلەر تۇتارچېچىڭنى سىلار.مەن ئۆزۈمنىڭ قولۇمنى تۇتۇپئۆزۈمنىڭ چېچىمنى سىلايمەن تەكرارسىلىغاندەك سېنىڭ چېچىڭنى.2010.7.25*******************************ھاياتىمنىڭ چىڭقى چۈشىدەكەچمىشلىرىم سايەچىلىق-چىلىق تەرلەپ ئولتۇرۇپيازماقتىمەن ھېكايە.بۇ ھېكايىنىڭ پىرسۇناژى يوقئەگەر بار دىيىلسەمەن بارمەن، ئەزىزىمكۆكرىكىمدە سەن ئاتقان بىر ئوق.2010.7.26***********************************بىر قۇچاق گۈل يىغدىمئاق…قىزىل…ھالرەڭ.بىر نەچچە قەدەھ مەي ئىچتىمچۈشلۈرۈم كۈلرەڭ.ئويغانسامكۆكسۈمدە شىرىن بىر ئاغرىقتىكەنلەردىن قاپتۇ خاتىرە.مەي ئىچىشكە يەنە ئىمكان يوقكۆز ئالدىمدا ئالۋۇن مەنزىرە.***************************2010.1.26خەتكۈچلەر:خاتىرە随机日志باھا يوللاش
NattyWP wordpress themes
|