|
ئاپرېل 18
نەسىرى يازمىلار| زىيارەت: 53 قېتىم
بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ
(ئەبجەش خاتىرە)
(1)
بىر ئىستاكان سوغۇق سۇدا ھېچقانداق مەنا يوق. بەلكىم مەنا يوق دىگىلىمۇ بولماس. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا سىمۇۋۇل ۋە يەنە ئاللىقانداق مەنىلەرنى يۈكلىسەم چوقۇم بۇ پىكرىمدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.ۋاز كەچكەن ئىكەنمەن، ئۇنى قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرمەسلىكىم كېرەك , لىكىن مەن يەنىلا ئىستاكان ۋە سۇ ھەققىدە خىيال سۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدىم.
ئورفاتنىڭ «تۇرمۇش»نامىلىق نەسىرىدە شۇنداق بىر جۈمىللەر ئۇچرايدۇ،«ئوخشاش بىر سۇ،بەزىلەر ئالتۇن قەدەھتە ئىچسە، بەزىلەر ساپال تاۋاقتا ئىچىدۇ. ساپال تاۋقىمۇ يوقلار قولى بىلەنلا ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»مېنىڭ بىر ئىستاكانىم بار. ئۇ ھەر زامان چېقىلىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىدۇ. ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن چېقىۋىتىشىمدىن ئەنسىرەپ ھامان ئۇنىڭغا ئاڭلىق-ئاڭسىز يۇسۇندا دىققەتتە بولىمەن. بەزىدە ئىستاكانىمنىڭ كونىلىقىدىن ئىچىم سىقىلغان ۋاقىتلار بولىدۇ. ئالماشتۇرغۇم بولسىمۇ،لىكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە يەنىلا مۇشۇ ئىستاكاننى قەدىرلەشكە مەجبۇرمەن.
ئىستاكاندا لىق يامغۇر سۈيى بار ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن.
يامغۇر سۇلىرى ئەرىشتىن كەلگەن. بۇلۇتلارنىڭ ئارمانلىرى، شاماللارنىڭ تىلەكلىرى، چاقماقلارنىڭ كۈلۈمسىرىشى بىلەن گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىغا لىق تويۇنغان. ئۇ قارىماققا ناھايتى جىمجىت ھالەتتە كۆزۈمگە تاشلىنىدۇ. بۇ بىر ئىستاكان يامغۇر سۈيىدە نە لەزىز شاراپلارنىڭ ھوزۇرى، نە شەربەتلەرنىڭ تىلنى ياردىغان مەستخۇشلىقى بولسۇن دەيسىز؟ لىكىن مەن يەنىلا مۇشۇ يامغۇر سۈيىنى ئىچىشكە مەجبۇرمەن.
(2)
ئىستىكانىمدا جىمجىتلىق بىلەن بوران چاپقۇن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمدىلا 12ياشقا كىرگەن مەزگىلىمدە كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويغان بىر جۈملە سۆزۈمنى ئوقۇغاچ ئۇنىڭغا سەپ سالىمەن.«ھاياتىمىنىڭ جىمجىت ،گۈزەل ۋە سۈزۈك كۆل سۈيىدە كاتتا سەيلە پاراخۇتى بولۇشنى خالىمايمەنكى، ئۇ بىپايان بورانلىق دېڭىزدىكى بىر كونا قولۋاق بولىشىنى ئۈمۈد قىلمەن.» بېيداۋنىڭ شۇنداق بىر مىسرالىرى ئېسىمدىن كېچىدۇ؛
«ھاياتىمدا
يالغانچلىق قىلدىم تالاي رەت،
لىكىن
بالىلىقتا بەرگەن ۋەدەمگە
يالغانچلىق قىلمىدىم پەقەت.»
شۇنداق، ھازىرغىچە نۇرغۇن ئارۇلىرىمدىن ۋاز كەچتىم، نۇرغۇن ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىم، لىكىن ئاۋۇ بىر جۈملە سۆزگە قارايۈزلۈك قىلىپ باقمىدىم.
(3)
مېنىڭ بىرلا ئىستاكانىم بار. بۇ ئىستاكاندىكى يامغۇر سۈيىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىستاكاندىكى يامغۇر سۈيىگە مەنلا ئىگە ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ بىر ئىستاكان سۇغا قاراشلىق.
بۇرۇن زىيادە ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتكەندە ئادەمدە ئۆلۋىلىش ئەركىنلىكى بولىشى كېرەك دەپ ئويلايدىغىنىم ئېسىمدە. 10يىل ئىلگىرى ھەتتا ئەڭ پاسسىپ، ئەڭ چۈشكۇن ھوزۇردا ياشاپ بېقىش خىيالىنىمۇ سۈرگەنتىم.شۇنداقمۇ ياشىدىم.لىكىن مەن ئۆزۈمنى چۈشەنگەن چېغىمدا بۇ تۇيغۇدىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلىپ ئىرغىتىپ تاشلىغان ئىدىم.
ھېيوگۇنىڭ بىر شئېرى بار ئىدى؛
«ئۆرتەنمە يۈرۈكۈم ھەسرەت ئىلىكىدە،
تەقدىرنىڭ يۈكىنى كۆتۈر يەلكىدە.
زىمىستان قىش ئېلىپ كەتكەننى ساڭا،
نەۋ باھار قايتۇرار كۆكلەم پەيتىدە.
سەن ئۈچۈن قانچىلاپ شەيئى تەق بۇندا
قارىغىن، يەنىلا گۈزەل بۇ دۇنيا.
نىمىگە باغلانسا ئىشقىڭ رىشتىسى،
بولىۋەر يۈرىكۈم ئاڭا مەھلىيا!»
نىكاھ زەنجىرلىرىنى شاراقلىتىپ يۈرگەن كۈنلەردە مەن دەل ئاخىرقى ئىككى مىسرانىڭ ماڭا نەقەدەر ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغان ئىدىم.
مەن قەلبىمنىڭ مۇھەببەت بىلەن لىق تولغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرغۇچى. قاچان ئىستاكانىم يېرىمداپ قالسا تەڭرىم ماڭا بۇ ئىستاكاننى لىقلاشقا بۇيرۇپ تۇردى. لىقلانغان بۇ ئىستاكاندىن قاغجىرغان قەلپىنىڭ بىشارەتلىك مەدھيەلىرى، سېغىنىش، ئىنكار قىلىش، ئۆز ماھىيتىدىن ھالىقىغان ئازاپ ۋە ھوزۇر بالقىپ تۇراتتى.
مەن ھامان ئۆز ئىستىكانىمنىڭ قۇرۇغدىلىپ قېلىشىنى خالىماي كەلدىم.گەرچە بۇ بىر ئىستاكان سوغۇق سۇدىن ھازىر نادامەتلىك ئۆتمۈشنىڭ قايغۇغا تولغان پىچىرلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، مەن يەنىلا ئىستاكانغا ئامراقمەن.
(4)
ئاخىرى ئىستاكانىمغا دەز كەتتى.ماڭا قەپ قالغان بۇ قۇپ-قۇرۇق بوشلۇقتىن ماڭىلا تەۋە بولغان ھېلىقى موزىكا ياڭراشقا باشلىدى. ئۆزەمنى سەھنىدە كىمنىڭدۇ بىرسىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان ئاكتىيوردەك ھىس قىلماقتىمەن. ئۆز رولۇمنى قانداق ئېلىشنى بىلمەيمەن، پەقەت ھاياتىم داۋاملىشىۋاتىدۇ، موزىكا ياڭراۋاتىدۇ. مانا بۇلار مەن ئۈچۈن رېئاللىق.ئىككى قىزىمغا چىدىمايمەن، ئۇلارنىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىنى خىيال قىلسام تېنىم جۇغۇلداپ كېتىدۇ. قىزلىرىم شۇ قەدەر رايىش، مېنىڭ كەيپىياتىمغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئۈگنىۋاپتۇ. مانا بۇ ھال مېنى ئەڭ ئازاپلايدۇ.مېنىڭ باللىقىم ئانچە شات-خورام ئۆتكەن بالىلىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بولسا باللىرىمنىڭ بالىلىق ئاسمىننىڭ شات-خورام ناۋالارغا چۈمۈلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. مەن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بالىلىقى كەپسىزلىك، قىيغىتىش، ئانىسىنى، مېنى خاپا قىلىش بىلەن ئۆتسىمۇ مەيلى دەر ئىدىم. ئەپسۇسكى، مېنىڭ تۇغما غەمكىنلىك كېسىلىم ئۇلارغا ئىرسى تامغا بولۇپ ئويۇلۇپ بوپتۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئويلىمىغان زەربە بۈلدى.يالغۇز قېلىپ قولۇمدىكى ئىستاكانىمغا زەن سالغىنىمدا ئۇنىڭ ئىچىدىن قىزلىرىمنىڭ ئۇنتۇلماس نىگاھى ئاڭقىپ چىقىدۇ. مەن بىر تۈپ دەرەخنىڭ بۇ ئىستاكان ئىچىدىن ئاستا-ئاستا بىخلىنىپ يوغىناپ، يىلتىزلاپ شاخلاپ، ئىستاكان ئىچىدىن چىقىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەندەك بولىمەن. دەرەخ ئۈستىدە بىر قۇش، ئۇنىڭ سايراشلىرى مېنىڭ شېئر مىسرالىرىم، يوپۇرماقلار بولسا بەئەينى مېنىڭ ئارمانلىرىم.بۇ دەرەخ يوغىناپ ھازىر ئۆيۈمگە لىققىدە سايە تاشلىدى. مانا شۇ تاپ ئەشۇ دەرخ سايىسىدا مۇزلاپ ئولتۇرۇپ بۇ خاتىرىنى يازماقتىمەن.ئەي يېتىم قۇش، ئەي سەھرالىق قۇش، قېنى ئاسمانىڭ؟ قېنى سېنىڭ پەرۋازىڭ؟
(5)
ئاسمان قارايغان، كۆڭۈلدىن ئىس ئۆرلىگەن.يىڭنىگە ئوخشايدىغان مېنىڭ تەنھالىقىم رېئاللىقىمنى مۇنداق كەشتىلەيدۇ؛چاڭ كەتكەن بىر ئىستاكان، ئىستاكاندا يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ يالىڭاچلانغان بىر تۈپ بىھەيۋەت دەرەخ، دەرەخ ئۈستىدە بىر قۇش.ئىستاكان قىڭغايغان. سۇ يېرىم قالغان. بىراق تېخى تۆكۈلمىگەن.مەن ئۇنى تۆكۈلۈپ كەتكەن ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن.ئىستاكانىم ئالتۇندىن ياسالمىغان. مەن بىلىدىغان تالاي كىشىلەرنىڭ قىممەت باھالىق ئىستاكانلىرى ئالدىدا ئۇ شۇنچە ئاددى. يەنە كېلىپ مەن باشقىلاردەك ئۆز ئىستاكانلىرىغا شەربەت تولدۇرۇپ ئىچىش ئەمەس، قايناق سۇ ئىچىشكىمۇ ئىرىشەلمىدىم. مەن پەقەت قولۇمدىكى بۇ ئىستاكانىمنىڭ سوغۇق يامغۇر سۈيى بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىنى ئەسلىيەلەيمەن.
خەتكۈچلەر: نەسىرى ئەسەر،
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
باھا يوللاش
|
|
ئەجەبمۇ ئەپسۇسلاندىم……ئىستاكانىڭىزغا تولدۇرۇلغان يامغۇر سۈيىنى سۈزۈلدۈرۈپ شەربەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئىمكان بولماسمىدى؟!…