ماي 11
ئوۋچى تور خاتىرىسىمېنىڭ تۇيغۇ مۇساپەم….
ماي 11
ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنىئالاھىدىن ئابدۇرشىتتارتتىم سېنى سۈرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى،تولۇپ قەلبىم ھەيرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى،جەننەت دېسە راست دەپتىم كۆرمەي تۇرۇپ بىر چاغلار،ئوخشىماسكەن جەننەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.چىقار ئىكەن ئالدىڭغا باغلىغاندەك بويۇندىن،خەۋەرسىزكەن سەن بىلەن يېگەن-ئىچكەن ئويۇندىن،سۆزلەر ئىكەن ھېكايەت ئۆيدە چىققان قۇيۇندىن،نامرات ئىكەن ھۆرمەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.كۆرىنەركەن دەسلىپى تەلمۈرگەندەك يولۇڭغا،ئۈلگىرەركەن شۇئانلا كۆز يۈگۈرتۈپ قولۇڭغا،پىچاق، بادام، گۈلە-قاق، ھەمياندىكى پۇلۇڭغا،تەشنا ئىكەن«ھىممەت»كە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.سالسا ئەگەر داستىخان ساڭا بەشى- ئالتىسى،پۇلنى تۆلەپ قايتاركەن ئەقلى كۇتا-كالتىسى،بىلىۋالدىم شۇنداقكەن ساھىبخاننىڭ قالتىسى!بېخىل ئىكەن ئۈلپەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.ئاغزىڭ تېخى تەگمەستە بىر پىيالە چېيىغا،توشمىدى دەپ قاخشاركەن بۇ خۇدانىڭ ئېيىغا،يادا ئىكەن مۇشۇ گەپ كەمبىغىلى-بېيىغا،كەلسىمۇ كۆپ غەيرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.«بىرى كەپتۇ قەشقەردىن ئاران يولغا سالدۇق» دەپ،«بىرى كەپتۇ غۇلجىدىن ئىككى كېچە چالدۇق» دەپ،«بىرى كەپتۇ خوتەندىن جاننى چەتكە ئالدۇق»دەپ،لىقكەن دەرتكە-ھەسرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.ئۆي ھەققىدە بىرلىرى باشلىۋالسا پاراڭنى،ئەسلىتەركەن بىرلىرى كاپىلداشتا ساراڭنى،سېنى ئويلاپ قويماسكەن كۆرمىگەندەك قاراڭنى،باب كەلمەسكەن سۆھبەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.گەپنى شائىر، ئالىمدىن باشلار ئىكەن بىرلىرى،تۆكۈلەركەن كۆڭۈلنىڭ نىجاسىتى-كىرلىرى،ئېچىلاركەن دۇنيانىڭ«تىلسىملىرى-سىرلىرى»،پەۋەس ئىكەن غەيۋەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.«شائىر ئەمەس ئوسمانجان، تاھىر تالىپ قوشاقچى،باغراش دېگەن ھېچنېمە، ئابدۇقادىر بوياقچى،‹ئا›دېگىنىڭ يالاقچى،‹ب›دېگىنىڭ پوداقچى..»سېزىك ئىكەن شۆھرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.ئولتۇراركەن چوكانلار بۇرغا تارتىپ يېنىڭدا،شەيتانلارنى قۇترىتىپ«يۇمۇر» بىلەن قېنىڭدا،سەنمۇ كۆرۈپ قالارسەن بۇ ئۆلمىگەن جېنىڭدا،سورۇن ئىكەن شەھۋەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.قېرىغاننى بىلمەسكەن يا سورۇندا قېرىسى،ئاجايىپكەن ھاراققا تېخى ھەۋەس-ھېرىسى،تاڭ سەھەردە بېرىسى، مەسكەن كەچتە نېرىسى،ئاھانەتكەن مىللەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.سورۇن دېگەن ئەركەكنى چاندۇرالماس ئەسلىدە،مېھمان دېگەن ئۇيغۇرنى ياندۇرالماس ئەسلىدە،پۇل دېگەن ئۇ، دوستلارنى تاندۇرالماس ئەسلىدە،لايىق ئىكەن لەنەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى!2010-يىلى،9-ئاينىڭ 6-كۈنى، يېڭىسار.خەتكۈچلەر:ئەيدىز، ئالاھىدىن،مۇناسىۋەتلىك يازمىلار«ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى» غا 2 تورداش باھا بەردىباھا يوللاش
NattyWP wordpress themes
|
مۇشۇنداق شائىرلارنىڭ ئايرىمىلىقنى ئومۇملۇققا كۆتىرىشىدىن زېرىكتى كىشى.
شېئىرنىڭ ئۆزى ئايرىملىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئومۇمىيلىقنى يازىمەن دېسە شېئىردىن باشقا ژانىرلارمۇ كۆپ.