مارت 31
ئوۋچى تور خاتىرىسىمېنىڭ تۇيغۇ مۇساپەم….
مارت 31
ئـەيــدىـز بـــارئالاھىدىن ئابدىرشىتۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرياندا ئەيدىز بار،ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىز بار،تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار،چىرىكلىك،روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.پاھىشە،بەچچىۋازلارنى يىراق ئامېركىدا دەيتتۇق،تېخى تۆت كۈن بۇرۇن ئەيدىز دېسە ئافرىقىدا دەيتتۇق،يولاتما ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا ئاھ، خۇدا دەيتتۇق،ھايا، ئىپپەت، نومۇستىن قىلمىغىن بىزنى ئادا دەيتتۇق،بۈگۈن قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا ھەم تۇرپاندا ئەيدىزبار.خىروئىن كەلدى بىر چاغلار جاھاننىڭ چېتىدىن بىزگە،نىدالار كەلسىمۇ تۇيغۇن يۈرەكلەر قېتىدىن بىزگە،مەرەزلەر يۇقتى پاسىقلار تېنىدىن-ئېتىدىن بىزگە،نېمە قالدى بۇ مىللەرنىڭ غۇرۇرى-بېتىدىن بىزگە؟!بېشىڭغا ياغقىنى ئاپەت، قارا ئاسماندا ئەيدىز بار.ساراي سالدۇق، يەنە ئىشرەتخانا ئاچتۇق پۇلۇم بار دەپ،«ئەزىز مېھمان»نى كۈتتۇق قىز تېپىپ سىزگە گۈلۈم بار دەپ،چاۋاك چالدۇق شاياتۇنلار ئاياغ باسسا قولۇم بار دەپ،تاراتتۇق ئەلگە ئەيدىزنى مېنىڭ شۇنداق يولۇم باردەپ،تۆرۈڭگە بولمىساڭ ئاگاھ «يېڭى مېھمان»دا ئەيدىز بارقەدەمدە كاتتا ھور مۇنچا سېنى ساقلايدۇ KTC،سېلىپ ئىندەكچىنى ئارىغا كۆڭۈل ياقلايدۇ KTC،قىلىپ يالىڭاچ ئەمەس يەرنى قىرىپ ئاقلايدۇ KTC،كېرەككە كەلمىسەڭ دورا بېرىپ باپلايدۇ KTC،قاتار رەستە، كوچا، دوقمۇش، يەنە مەيداندا ئەيدىزبار.قالارسەن بەلكى ھەيرەتتە كېلىپ قالساڭ شەھەرلەرگە،خېنىملار ساتىراچ بولدى بېرىپ تۆشۈكنى ئەرلەرگە،يەنە ھېلىقى تىجارەت بار قەدەم ئالساڭ بۇيەرلەرگە،ھۇجۇم باشلانسا ھالىڭ يوق چۈمەرسەن قارا تەرلەرگە،ئۆزۈڭنى دالدا قىلساڭمۇ ھامان پىنھاندا ئەيدىز بار.گۇمان قوزغالسا ئەيدىزدىن ساڭا بىر يۇقتۇراي دەيمىز،ئۇنىڭ دەردى-ئازابىنى ساڭا بىر ئۇقتۇراي دەيمىز،ھاياتنى، بەخىتنى ئۇتتۇردۇم، جىىمىنى ئۇتتۇراي دەيمىز،زەھەرنى ئاش قىلىپ تەڭلەپ كۈزۈڭدە يۇتتۇراي دەيمىز،تونۇرغا ياقمىساڭ ئوتنى بازاردا ناندا ئەيدىز بار.تاغاردىن ئاشنى كەمچەرلەپ ئەشۇ دېھقان سېتىپ كەلسە،ۋەيا ئوتياشنى مىڭ تەستە كېتىپ ھالدىن سېتىپ كەلسە،خوجايىنلار،خېنىملار ھەرتەرەپتىن تەڭ يېتىپ كەلسە،دېمەمدۇق ئەمدى بىز توۋا، جىمى يولنى ئېتىپ كەلسە،قېنى سەھرادىكى پاكلىق؟ نادان دېھقاندا ئەيدىز بار.يۇشۇرساڭ بۇ ۋابانى سەن ھالاكەتتىن قاچالمايسەن،ئۆمۈرلۈك داغ، پۇشايماندىن-نادامەتتىن قاچالمايسەن،قەدەمدە ئۇچرىغان پاھىشە-ئاپەتتىن قاچالمايسەن،بۇ دۇنيا ساڭا زۇلمەتتۇر، قاباھەتتىن قاچالمايسەن،پەخەس بول،كۈتمە پەرماننى،سەۋەپ پەرماندا ئەيدىز بار!!!!خەتكۈچلەر:ئەيدىز، ئالاھىدىن،مۇناسىۋەتلىك يازمىلارباھا يوللاش
NattyWP wordpress themes
|
� |