دېكابىر 28
ئىككى غەزەل
كىم
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
بولۇپ سۆيگۈمگە ئەسرار، بىغۇبار قەلبىمنى سۆيگەن كىم؟
خىرامانىمدا يانغان جەزبىدار ئىشقىمدا كۆيگەن كىم؟
ئىلاھىي سۆيگۈدە سۆيدۈم، سۆيۈلدى روھىيەت بەرھەق،
سۆيۈشنىڭ لەززىتىگە چاڭقىغان پەيزىمنى سۈرگەن كىم؟
گۈزەللىك كۆركى جەم چىن سۆيگۈنىڭ دۇنياسىدۇر قەلبىم،
ئۆزىنى ئاختۇرۇپ ئۇندا سەبىي ئەسلىگە يۈرگەن كىم؟
خىيالىم باشلىسا بىھۇش سۈكۈت دۇنياسىغا تەگسىز،
ئۇزاق تۈنلەرگە مەن پۈتكەن گۈزەل چۈشلەرنى كۆرگەن كىم؟
جاراڭلار خەندى قەلبىمدە سېلىپ جىسمىمنى لەرزىگە،
پايانلار قايدا ئىزھارىمغا، ھېجرانىمغا كۈلگەن كىم؟
سۆيۈلمەي ياشىدىم بەلكى(ئايان كىملەرگە پىنھانىم؟)،
يېتەلمەي ۋەسلى دىدارغا مېنىڭدەك داغدا ئۆلگەن كىم؟!…
1994-يىلى، 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېڭىسار.
بالىلىق ئەسلىمىسى
خىياللار لەگلىكىنى ئۇچۇرۇپ قەلبىم ساماسىدا،
كۈلەرمەن بالىلىق پەسلى-پەسىللەر ئىپتىداسىدا.
كېلەر پاك-بىغۇبار دۇنيا ئانامنىڭ ئەللىيىدىن شاد،
ئۇچار چۆچەكلىرىم قۇشلار تىلىدا، كۈي-ناۋاسىدا.
نىگاھىمدا ئېچىلغان گۈل، چېچەكلەر ئۆركىشى ئاپئاق،
كېپىنەك قانىتىدا مەن يىراق سەھرا دالاسىدا.
ئۈزەر تۇيغۇمدا پىلتىڭلاپ بېلىقتەك بالىلىق، بالىلىق،
جاراڭلار شوخ سەبىي كۈلكەم ئېقىنلارنىڭ ساداسىدا.
تولۇن ئاي كۆزىدىن ئوخچۇپ يېيىلماقتا سۈزۈك ئايدىڭ،
مۆكۈشمەك ئوينىغان دەملەر يورۇپ نۇرلار لاۋاسىدا.
چۈشۈمدىن ياسىلىپ گويا سۈكۈتتە قار بوۋاي ئۈگدەر،
قۇچۇپ بەرقىنى بالىلىقنىڭ شەپەقلەرنىڭ جۇلاسىدا.
تېنىمدە ياشىرىپ تۇرغان كۆچەتتىن تال-چىۋىق ئالدىم،
ئۇۋاڭدا بارمۇ سەن بالىلىق-ئەزىم روھلار زىياسىدا؟….
خەتكۈچلەر:ئالاھىدىنباھا يوللاش
سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.