ئوتتۇز ياشلاردىكى ئايال مېتافىزىكىسى
ئەخمەتجان ئوسمان
1
ئاياللىق چۇقانىمدەك ئۆتكۈنچى
ھەم تېنىمدە ئۇزاقلاشقۇچى
شۇ يۇچۇن ئەرلەر بىلەن يېتىش ئارمىنىم،
ھەمدە ئۇلارنىڭ تەنلىرىنىڭ
ئاياللار قۇچۇپ بولالمايدىغان
شۇ ياۋايى ۋە مۇقەددەس چاقمىقىنى تۇتۇش ئارمىنىم…
تىنجىتمايدۇ كارۋىتىمنى بۇ ئارمىنىم.
تىنجىتمايدۇ كارۋىتىمنى بۇ ئارمىنىم.
2
تېنىم — تاشلىق تاغ
يوچۇن ئەرلەر ئۆتىشەر ئۇندىن،
دالدىغا ئېلىشار ئۆزلىرىنى نەم غارىمدا
كۈننىڭ تومۇز ئىسسىقىدىن
سەپەر ئازابىدىن.
ﻫەم ئۇزاقلىشار ئۇلار ئۇلۇغ تىنىقمۇ – تىنىق
زۇلمەتلىك ﻫاڭلىرىمدا،
ﻫەمدە كېسىپ ئۆتۈشكەنچە
روﻫىمنىڭ دەﻫشەتلىك قالايمىقانچىلىقىنى
چۇقانىمغا يېتىپ بېرىشار.
3
ئۇزۇن زامان سۈرمەكتە زامان،
ئەي، ﻫاياتىمغا يات ئەرلەر
ئەي، تېنىمدىن ئۆتكۈچىلەر
ئەي، چۇقانىمدا ئۇزاقلاشقۇچىلار…
بىلىمەن
مەن بەزى چاغلاردا
ﻫەم ئەينى شۇ ئىشتىياق بىلەن
ئارىلاشتۇرۇپ قويىمەن
تېنىڭلارنىڭ شۇ ياۋايى ۋە مۇقەددەس چاقمىقى بىلەن
مەن سۆيىدىغان ئېرىم ۋە بالىلىرىمنى.
4
يوچۇن ئەرلەرنىڭ ئاۋازى
چۇقانىمدىن ئاڭلانغىنىچە
سۆزلىمەكتە ئۈزلۈكسىز…
بەزىدە
سۈرتىۋېتىپ باسقان توزاننى
كىتاپلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا
تاپشۇرىۋالىمەن رىسالەڭلارنى
چۇقانىمنىڭ
تېنىڭلارنىڭ چاقمىقىدا قانداق تىتىلغانلىقىنى
ﻫەم روﻫىمنىڭ قۇدۇقلىرىغا چېچىلغانلىقىنى
ماڭا ئەسلەتكەن.
5
سەرسان تاڭ نۇرى
كىرىپ كەلدى مەرمەرتاشتەك سوغۇق كارۋىتىمغا.
ئاشۇ سەرسان نۇردەك ئۆتكۈنچى
ﻫەم شۇ تاڭدا ئۇزاقلاشقۇچى
ﻫەم كارۋىتىمغا يات شۇ ئەرلەرنى
تۈن بويى سۆزلەتكەن
ئاياللىق چۇقانىمنى ئەسلىدىم شۇدەم.
6
شۇنداق بولسىمۇ،
گۇمانلىنىمەن
مېنى ئىگىلەش ئىقتىدارىدىن ئۇلارنىڭ
(تۇيغۇمغا يات ئاشۇ ئەرلەرنىڭ
سۆزلىرىمدە ئۆتكۈنچى شۇ ئەرلەرنىڭ
غېرىپلىقىمدا ئۇزاقلاشقان شۇ ئەرلەرنىڭ).
چۈنكى، شۇنداق بولغاندا
نەزەردىن ساقىت قىلغان بولار ئۆزگىچىلىكىمنى
ئومۇملاشتۇرۇلغان بولىمەن ﻫەم
مۇئەييەنلەشكەن بولار ﻫەمدە پاﻫىشىلىقىم.
7
ئادەتلەندىم، شۇنداقلا،
تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئەرلەرنى،
(دېمەكچىمەنكى،
ئۇلارنىڭ دەﻫشەتلىك غېرىپلىقىنى
ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆتكۈنچىلىكىنى
ئۇلارنىڭ تۈگىمەس ئۇزاقلىشىشىنى)
ئاياللىق چۇقانىم سىلكىگەن
ﻫەمدە
تونۇشلارغا ئايلاندۇرغان ئەرلەرنى.
8
يوچۇن ئەرلەر تامان…
مەن تېخى بىلمەيدىغان
ﻫەم ئۇلارنىڭ تەنلىرىنىڭ چاقمىقىدا
يات، ئۆتكۈنچى، ئۇزاقلاشقان ﻫالدا خىيال قىلىدىغان
يېڭى چۇقانلىرى تامان تېنىمنىڭ…
شۇ تەرەپكە
قاراتقانچە يۈزۈمنى
ئۇخلاش ئۈچۈن ياتماقتىمەن كارۋىتىمدا.
9
مەن ﻫازىر ئوتتۇز ئۈچ ياشتا،
سومېردىكى بىر كەنتتە تۇغۇلدۇم.
ئاياللىق چۇقانىم كۆرۈندى ئۇلارغا
ساپالدەك ئەسەرە – ئەتىقىسىمان
سومېردىنمۇ مۇقەددەمسىمان
ئەرلەرنىڭ غېرىپلىقىدىنمۇ بۇرۇنقىسىمان
ئويلايمەن
ﻫەر بىر چۇقانىم
داۋام قىلار ئەسلىرىدە ئۇلارنىڭ.
ﻫەمدە
غېرىپلىقىمنى يورۇتقان
ئەرلەرنىڭ تەنلىرىنىڭ شۇ چاقمىقىغا
بولغان مېنىڭ ئىشتىياقىم
تىنجىتمىدى كارۋىتىمنى ﻫېلىغىچە
خەتكۈچلەر:ئە. ئوسمان،