Drug preguntas

قايغۇ، سەن نېمە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 70 قېتىم باھا يوق »

قايغۇ، سەن نېمە

 

قايغۇ،
رەت قىلغۇسىز گۈزەل ئايالدەك
ياكى
بويتاقلىقتا سۈرگەن خىيالدەك
ۋاقىت كارىدۇرىدىكى مۈكچەيگەن
ئاقارغان..تاتارغان..
ۋۇجۇت ئەينەكلىرىمگە سىزار رەسىملەر…..

تۇلۇق ئوقۇش »

دىلمۇرات

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 228 قېتىم باھا: 2 »

دىلمۇرات

 

(1)

 

ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كېسىۋەتتۇق

جاراھەتكە چاپلىشىپ قالغان

ئاپئاق گۈللەرنى ئېلىۋەتتۇق

يۇيۇش تاختىسى ئۈستىدە قالغان نەرسىلەر

ۋاقىت، تەن، ۋە ئەسلىمە.

  تۇلۇق ئوقۇش »

15 غەزەل

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 160 قېتىم باھا: 2 »

 

 15غەزەل

 

(1)

 

كەل،يىلاندەك ئوينىغان بۇ سۇمبۇلى رەيھانغا باق،

كەل،يۈرەكنى ئۆرتىگەن بۇ ياپيېشىل گۈلخانغا باق.

  تۇلۇق ئوقۇش »

پاز شېئىرلىرىدىن

چەتئەل شېئىرلىرى| زىيارەت: 77 قېتىم باھا يوق »

 

 

پاز شېئىرلىرىدىن

 

تىلىماچ: پەرھات ئىلياس

 

ھەركەت

 

سەن گوياكى جەرەن ئات بولساڭ،

مەن قانلارغا تولغان ئۆتەڭ يول.

سەن تۇنجى رەت ياغقان قار بولساڭ،

مەن سەھەرنى تۇتاشتۇرغان قول.

تۇلۇق ئوقۇش »

نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

ماقالە-ئوبزورلار| زىيارەت: 73 قېتىم باھا يوق »

 

نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

(سالۋاتور كاشىموتو)

    مېنىڭ نەزەرىمدە شۋېتسىيە ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدۇر. بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر ۋە پارلاق شەرىپىگە ئىگە بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، شۋېتسىيە پەقەت نەچچە مىليۇن نوپۇسقىلا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچىلىك باشقا بىرەر دۆلەت كەڭ ئەھمىيەتلىك نەمۇنە دەپ قارىلىدىغان ۋە غايەت زور مەنىۋى، ئەمەلىي كۈچ قۇدرەتنى، ئۆزى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مۇكاپاتنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا تەسىس قىلالمىدى ۋە يولغا قويالمىدى . 

تۇلۇق ئوقۇش »

قەلەمنىڭ يىلتىزى ئانا تۇپراقتا

ماقالە-ئوبزورلار| زىيارەت: 278 قېتىم باھا: 2 »

 

قەلەمنىڭ يىلتىزى ئانا تۇپراقتا

ئوسمان زاھىر

 

               يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا نوقۇل ھالدىكىئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىجتىمائىي خاراكتىرلىق ، تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرگەيۈزلىنىش خاھىشى كۆرۈلدى. ئىلگىرىكى ھەجمى چوڭ ئەسەرلەرنى، مۇھەببەت ئاساسىيلىنىيە قىلىنغان يەككە سىيۇژىتلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن، ئوقۇرمەننى تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدىغان، ھەم تارىخىي ھەم ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرگە ئېغىش يۈزلىنىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. بۇمۇ ئەلۋەتتە بۈگۈنكى رېتىمى تېز تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر تۈركۈم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر تاللاش ئېڭى. « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا » ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. قايتا نەشىر قىلىندى. يىراق ئوكيان مىللىتى بىلەن تەكلىماكان باغرىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىيەت ئېقىنلىرىدىكى پەرقلەر ھەققىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ كىتاپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب تارىنى چەكتى. ئەينى چاغدا ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، بارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان ئىدى. بۇ ئۆزنىتونۇش دولقۇنى قوزغاپ، ئۆزىمىزنىڭ رىئال ھالىتىمىزگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىدىغان ئىجابىي يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى. «خوتەندىن خەت» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ داغدۇغىسى، ئىجتىمائىي تەسىرى ھەرقانداق بىر ئېسىل روماندىن قېلىشمىدى.«بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار»،«قۇتۇلۇش يولى» ناملىق ئەدبىي ئاخباراتلار مۇشۇ زىمىندا نەپەسلەنگەن، مۇشۇ زىمىندا ئايىغى چىققان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى ئۈچۈنلا بازارلىق ئەسەرلەردىن بولالىدى. ھازىر نەشرىيات ئورۇنلىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىيتېمىدىكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشنى خالايدىغان بولۇشتى. پوئىزىيە ئەسەرلىرى سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. خەلقىمىز ئەزەلدىن شېئىر ئوقۇپ كەلگەن. قىيىنشارائىتلاردا ھەتتا نادىر ئەسەرلەرنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ ساقلىغان. ھېلىھەم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ « ئىز» ناملىق نادىر شېئىرى ئۆيلەرنىڭ تۆرىدە رامكىغا ئېلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. روزى سايىتتەك خەلق سۆيگەن شائىرلار ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن تارتۇقلانغان . نۆۋەتتە ياشلاردىن ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىقلارنىڭشېئىرلىرىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە مۇقىم ئوقۇرمەنلىرى بار.

تۇلۇق ئوقۇش »

سۆيگۈ قۇللىرى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 58 قېتىم باھا يوق »

 

سۆيگۈ قۇللىرى

 

 

بەلكىم ساڭا بىر ئۆمۈر قۇلمەن

رەزىل بىر قۇل

تەقدىر ئىسىملىك بىر كىشى تەرپىدىن

ساڭا سېتىۋىتىلگەن.

تۇلۇق ئوقۇش »

غەزەللەر

شېئىرىيەت ئۇپۇقى| زىيارەت: 77 قېتىم باھا يوق »

غەزەللەر

 

(1)

جىلۋىگەر تۈنلەر مېنى ئۆلتۈرگۈسى،

سىھرىگەر ئۈنلەر مېنى ئۆلتۈرگۈسى.

تۇلۇق ئوقۇش »