مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1067 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي يېغىنى قىزىتىپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.


تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى: قىزىتىش، پارقىرىتىش، ئاغرىق توختىتىش، يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: مۇۋاپىق مىقداردىكى قوي يېغىغا كېپەك سېلىپ قىزىتىپ، كۆيدۈرۈپ ئىس چىققاندا چىققان ئىس بىلەن  ئاغرىغان چىش تەرەپ يۈز قىسمىنى بۇسلاندۇرسا چىش ئاغرىقى توختايدۇ. قوينىڭ قويرۇق يېغىنى قىزىتىپ ئۈششىگەن جايغا قىزىق ھالدا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ. قوي يېغىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بەدەننى قىزىتىپ، سوغۇقلۇقنى يوقىتىپ قۇۋۋەتلەيدۇ. قوي يېغى يېسە بالادۇرنىڭ زەھىرىنى يوقىتىدۇ. قوي يېغىغا سۆرۈنجاننى ئارىلاشتۇرۇپ بوۋاسىرغا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلىش ۋە يەرلىك ئورۇننى ياغلاش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.