تەييارلاش ئۇسۇلى: ھەببۇلئاس يۇپۇرمىقى 45 گرام، ئوسما 9 گرام، دورىلارنى 1.25 لېتر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، سىقىپ، سۈزۈپ، ئاستىدىن 360 مىللىلىتىر كۈنجۈت مېيى ئارىلاشتۇرۇپ سۈيى پارلىنىپ مېيى قالغانغا قەدەر قاينىتىپ 18 گرام ئەنبەر قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: پارقىرىتىش، قورۇش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: چاچ، ساقال چۈشۈپ كېتىش، دائىرلىك چاچ چۈشۈش، چاچ يىلتىزى بوشىشىپ كېتىش، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى كېسەللەر ئۈچۈن يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.