تەييارلاش ئۇسۇلى: قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ، كۈنجۈت مېيىغا چىلاپ 40 كۈن ئاپتاپتا قويۇپ ئاندىن كېيىن سۈزۈپ چەككىلەپ سۈزۈلدۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: بەش ئەزانى، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئېغىز پۇراش، چىش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى،قۇسۇش، ھېق تۇتۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قەلەمپۇر مېيىغا پاختىنى چىلاپ چىش كاۋاكلىرىغا تىقىپ قويسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. يەرلىك ئورۇننى مايلىسا پۇت-قولنىڭ پەيلىرىنى چىڭىتىپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان بۆرەك ساھەسىنى مايلىسا ئاشقازان بۆرەكنى قىزىتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.