مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 592 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى: 30 گرام سوقۇلغان مەستىكىنى 150 مىللىلىتىر كۈنجۈت ياكى زەيتۇن مېيىغا ئارىلاشۇترۇپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ قازانغا توشقۇزۇپ سۇ قويۇپ بوتۇلكىنى قايناۋاتقان قازاندا ھورداپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.


تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق


خۇسۇسىيىتى: ئىششىق ياندۇرۇش، يەللەرنى تارقىتىش، قاتتىقلىقنى يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش، كېكىرىش، ئاشقازان ئىششىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىلىش  ئۇسۇلى: مەستىكى مېيىدا ئۇرۇقداننى مايلىسا بۆرەك ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا پايدا قىلىدۇ، مەستىكى مېيىنى ئىچىپ، سىرتتىن يەرلىك ئورۇننى مايلىسا، ئاشقازاننىڭ سوغۇقتىن مىزاجى بۇزۇلۇشىغا، ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىستىسقىغا پايدا قىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.