تەييارلاش ئۇسۇلى: كالا يېغىنى قىزىتىپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، پارقىرىتىش، سىلىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: كالا يېغىنى يېسە بالادۇرنىڭ زەھىرىنى يوقىتىدۇ. كونا كالا يېغىغا سۆرۈنجاننى قوشۇپ سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ مەقئەتكە سۈركىسە بوۋاسىرنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، بوۋاسىرنى چۈشۈرۈپ قىچىشىشنى يوقىتىدۇ. كالا يېغىنى بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن جاراھىتىگە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق ھالدا تاماق قىلىپ يېيىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.