مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1025 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن 140 گرام ئېلىپ، ئاستىدىكى ئاق يېرىنى قىرقىپ تاشلاپ، گۈل بەرگىدىن 20 گرام ئېلىپ چوڭ ئېغىزلىق بوتۇلكىغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، 5-6 ئايلارنىڭ ئاپتىپىدا 7 كۈن تۇرغۇزۇپ گۈلى ئاقارغاندا سىقىپ تىرىپلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئوخشاش ئۇسۇلدا قىزىلگۈلدىن يەنە 20 گرام سېلىپ 7 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا 7 قېتىم تەكرارلاپ 49 كۈن تۇرزۇغاندىن كېيىن ماي پىشىپ تەييار بولىدۇ. ئاندىن ماينى سۈزۈپ پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن جايدا ساقلاپ ئىشلىتىلىدۇ.


تەبىئىتى: مۆتىدىل


خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتمىنى چۈشۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھەرخىل ئاغرىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بېشىنى مايلىسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىلگۈل مېيىغا قىزىلچا بەرگى، شۇمشا ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەقئەتكە چاپسا بوۋاسىرنىڭ ئىششىقلىرىنى قايتۇرىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنى بىر ئاز سىركە، گۇلاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پۇرىسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بەدەنگە سۈركىسە قىچىشقاقنى پەسەيتىدۇ. قىزىلگۈل مېيىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوغۇشۇنغا سۈرۈپ مەقئەتكە سۈركىسە بوۋاسىر جاراھەتلىرىنى ساقايتىدۇ. سۇلۇق چاقىلارنىڭ سۈيىنى تارتىپ قۇرۇتىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنى ھۆل كەرەپشە (چىڭسەي) سۈيى، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا تېرىلەرنىڭ قىچىشىشىنى پەسەيتىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنى بالىلارنىڭ سەرسام (مېڭە پەردە ياللۇغى) نىڭ ئىسسىقتىن بولغىنىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى، سۇغۇقتىن بولغىنىغا تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ مېڭىلىكىگە قويسا شىپا تاپىدۇ. قىزىلگۈل مېيىدا كافۇرنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تامغۇزسا ئەسابە (قاشنىڭ ئورنى ئاغرىش) كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. قىزىلگۈل مېيىدىن 10 گرامنى ئىچۈرسە قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ. كاتەك تېشىغا بىر نەچچە تامچە قىزىلگۈل مېيى تېمىتىپ ئۇد سەلىبىدىن بىر تالنى سۈرۈپ قويۇقلاشقاندا گەجگىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە تارتىشىپ قېلىش كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. كاتەك تېشىغا قىزىلگۈل مېيىنى تېمىتىپ بىر تال سۆرۈنجاننى سۈركەپ قويۇقلاشقاندا پۇت، قولغا سۈركەپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسە ئېرقۇننىسا ، مۇپاسىل كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.