تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇۋاز ياكى سىقىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: زىغىر مېيى تەركىبىدە %45-21 زىغىر كىسلاتاسى، %59-25 زىغىر مېيى كىسلاتاسى، %20-15 ئاز مىقداردىكى ياغ كىسلاتاسى گىلىتسېرىدى بار.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل يارا جاراھەتلەرگە، داغ تەمرەتكە ۋە ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: غىزا ئېتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. سىرتتىن مايلىنىدۇ. كلىزما قىلسا، ئۈچەيلەردىكى جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ. قاينىتىپ مۇۋاپىق ھالدا ئىچسە، قۇلۇنجى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.