تەييارلاش ئۇسۇلى: ئېيىق يېغىنى قىزىتىپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق پەسەيتىش، پەيلەرنى بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: كونا مۇپاسىل، ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى، قېرىلىق دەۋرىدىكى پۇت-قول سىرقىراپ ئاغرىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، چاقا، باش تەمرەتكىسى، بەرەس، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەل، پۇت-قول تارتىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.