مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 958 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۆگە يېغىنى قىزىتىپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ ئېلىنىدۇ.


تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق


خۇسۇسىيىتى: يەللەرنى تارقىتىش، پەيلەرنى چىڭىتىش، سۆڭەكنى چىڭىتىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، جاراھەتلەرنى ساقايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: تۆگە يېغى بىلەن مەقئەتنى ياغلىسا بوۋاسىر ۋە مەقئەت يېرىقىغا پايدا قىلىدۇ. يەرلىك ئورۇننى ياغلىسا ھەرخىل يامان جاراھەتلەرگە، تېرىلەرنىڭ يېرىلىشىغا پايدا قىلىدۇ. تۆگە يېغىنى گۈرۈچ ئۇنى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، بوۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ. تۆگە يېغىنى پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا پەي تارتىشى، مەقئەت يېرىلىش، بوۋاسىر، تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. تۆگە يېغىنى شاراب بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تۆگە لوكىنىڭ يېغىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلسا بوۋاسىر، بالىياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا تاماق بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.