تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ تۇخۇمىنى سۇدا پىشۇرۇپ، ئېقىدىن سېرىقىنى ئايرىپ ئېزىپ، ئۇۋاقلانغان تۇخۇم سېرىقىنى تەكشى يۈزلۈك تاۋىغا يېيىپ، قىزىتىپ، تۇخۇم سېرىقى كۆيۈپ كۈچلۈك تۇخۇم سېرىقى ھىدى كېلىشكە باشلىغاندا تاۋىنى يانتۇ قىلىپ، تەپچىرىپ چىققان تۇخۇم يېغى جۇغلاپ ئېلىنىدۇ. قالغان تۇخۇم سېرىقى ئۇۋاقلىرىنى قىزىق ۋاقتىدا سىقىپ، قالدۇرۇق ياغلار جۇغلاپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: زەھەر قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: تېرە ياللۇغى، تەمرەتكە، كالا تەمرەتكىسى، تاز قاتارلىق كېسەللىكلەردە يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.