تەييارلاش ئۇسۇلى: قاپاقنىڭ مېغىزىنى سىقىش ماشىنىسىدا سىقىپ ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: ماي، ئاقسىل قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل، ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى: سەمرىتىش، پەيلەرنى بوشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، كۆكرەكنىڭ قۇرۇقلۇقىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش: بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، ئىسسىقتىن بولغان تەپ، دوۋساق ۋە ئۈچەينىڭ ئىسسىقتىن بولغان جاراھەتلەرگە، قۇلاق ئاغرىقى، پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مېڭىلىكنى مايلاپ بەرسە ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. مېڭە پەردە ئىششىقىغا پايدا قىلىدۇ. بېشىنى مايلىسا، باش ئاغرىقىنى، قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە تەشەننۇج (پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىشى) غا پايدا قىلىدۇ. بۇرۇنغا تېمىتسا ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلىگە پايدا قىلىدۇ. دوۋساقنى ياغلىسا دوۋساق ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. بۇن ئاق موم، كاسىنە سۈيى، سېمىز ئوت سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، جىگەر ساھەسىگە چاپسا قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان جىگەر كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.