تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقىرىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش
تەركىبى: ئامىگدالىن دەيدىغان ئاچچىق بادام گلۇكوزىدى ۋە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى فېرمېنتى بولۇپ، ھەر بىرى تەخمىنەن %2 نى ئىگىلەيدۇ. %30-15 ئاقسىل، %3-2 شىلىمشىق ماددا بار.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى توسالغۇلارنى ئېچىش، ئەزالارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى بوشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۈچەي، سۈيدۈك يوللىرىنى سىلىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىنىڭ ياللۇغى، كۆكيۆتەل، قۇلۇنجى ۋە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا باشنى مايلىسا، باشنىڭ كېپەكلىشىشىنى يوقىتىدۇ. ئاياللار پەرجىگە ھەمەل قىلسا، ھەيزنى ماڭدۇرىدۇ. سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا، كونا جاراھەتلەر، ھۆل مۇدۇر، قۇبا (بەدەن تەمرەتكىسى)، قوتۇر، قىچىشقاق قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. 10 گرام ئاچچىق بادام مېيىغا مۇۋاپىق مىقداردا سەمغى ئەرەبى قوشۇپ ئىچۈرسە ئۆپكە-كاناي شاخچىلرى ياللۇغى، كۆكيۆتەل، قۇرۇق يۆتەل، يۈرەك سپازمىسى، ئاشقازان ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. ئاچچىق بادام مېيىنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بەدەنگە سۈركىسە، تېرىدىكى قارا داغ ۋە ئىزلارنى يوقىتىدۇ. مەزكۇر ماينى غالجىر ئىت چىشلىگەن يارىغا چاپسا شىپا تاپىدۇ. ئاچچىق بادام مېيىنى قىزىق سۇ ياكى مۇناسىپ لۇئاب ۋە شەربەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، تولغاق ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا تەمرەتكىنى يوقىتىدۇ. ئاچچىق بادام مېيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇدۇرغا چاپسا شىپا بولىدۇ. ئاچچىق بادام مېيىنى ئىسسىق سۇ بىلەن ئىچسە، ئۈچەيلەرنى يۇمشىتىدۇ. قۇلۇنجىنى يوقىتىدۇ. سۈيدۈكنىڭ كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئاچچىق بادام مېيىغا ھەجەرۇليەھۇدنى سۈرۈپ ئىچسە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.