تەييارلاش ئۇسۇلى: غاز يېغىنى قىزىتىپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: يەللەرنى ئىششىقلارنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: غاز يېغىنى سۆرۈنجان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا، چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. سىرتتىن ياغلىسا ھەرخىل ئىششىقلارنى، يەللەرنى تارقىتىدۇ. مەساملارنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.