مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2207 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى: سىقىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.


تەركىبى: ئامرىن، لىنونىن، پالمتېن قاتارلىقلار بار.


تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى: ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ئوزۇق بولۇش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى تۈگىتىش، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشىنى ۋە باشقا ئەزالارنىڭ قىچىشىشىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: پالەچ، بوغۇم، ئاغرىقلىرى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، تېرە قۇرغاقلىشىش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، باش ئاغرىش، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەزى قىلىش سىستېمىسىنىڭ كېسەللىرىگە ئىچكۈزۈلىدۇ. ئىرقۇننىسا (ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى) ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ئاغرىقى ئۈچۈن شاراب بىلەن بېرىلىدۇ. زەيتۇن مېيىغا قايناق سۇدىن 25 مىللىلىتىرنى قوشۇپ ئىچۈرسە، قۇلۇنجى، قورساق ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. بەدەن ئاجىزلىقى، ئورۇقلاپ كەتكەنلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا سەي قورۇپ، ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئۈنۈمى ياخشى، زەيتۇن مېيى بىلەن قارىمۇچنى بىرلەشتۈرۈپ لەقۋاغا چاپسا شىپا تاپىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.