مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 712 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييالاش ئۇسۇلى: ئۆردەك يېغىنى قىزىتىپ قورۇپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.


تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى: ئىششىقلارنى تارقىتىش، ماددىلارنى پىشۇرۇش، تېرىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: ئۆردەك يېغىنى كۆكرەككە سۈركىسە، ماددىنىڭ پىشىشىنى تېزلىتىپ، كۆكرەكنى كۇشادىلەشتۈرىدۇ. ئۆردەك يېغىنى كالا يىلىكى، توخۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇن ئىچىنى ياغلىسا بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن جاراھىتىگە پايدا قىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۈجگە، ئالىقان، پۇت-قول تېرىلىرى چۈشكەنگە پايدا قىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق ھالدا سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.