مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 606 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى: ھۆل قاپاقنىڭ پوستىنى ئېلىپ ئېتى ۋە ئۇرۇقلىرى بىلەن سوقۇپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ 4 ھەسسە سۈيىگە بىر ھەسسە كۈنجۈت يېغى قوشۇپ قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ قاچىغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ.


تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.


خۇسۇسىيىتى: مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قاتتىقلارنى يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: ئۇيقۇسىزلىق، مالخۇلىيا، تەشەننۇج، قۇلاق ئاغرىقى، چاچنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، مېڭە پەردە ياللۇغى، چاچ چۈشۈش ۋە كېپەكلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مېڭىلىككە سۈركىسە قۇرۇقلۇقتى بولغان مالىخۇلىيا، ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇجكە پايدا قىلىدۇ. قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئاغرىقىنى  پەسەيتىدۇ. باشقا سۈركىسە ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. چاچنى مايلىسا چاچنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، چاچ چۈشۈش، كېپەكلىشىشكە پايدا قىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.