مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1497 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەييارلاش ئۇسۇلى:  ماشىنىدا سىقىپ ئېلىنىدۇ ياكى گىلى ھېكمەت ئۇسۇلى بىلەنمۇ ئېلىنىدۇ.


تەركىبى: سىيادان ئۇرۇقىدا ئۇچۇچان ماي، ئامىنو كىسلاتاسى، ماي قاتارلىقلار بار.


تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى: بەدەننى جۇلا پارقىرىتىش، پەينى يۇمشىتىش، ھەيزنى ماڭدۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، چاچنى قارايتىپ ئۆسۈشنى تېزلىتىش، چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇش، باشنىڭ قىچىشىشىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، پەي تارتىشىپ قېلىش، چاچ ئاقىرىش، بەرەس كېسىلى، قىچىشقاقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىيادان مېيىنى قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچكۈزۈلسە ياكى چاچنى ياغلىسا، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنى توختىتىدۇ. پالەچ، لەقۋا، پەي تارتىشىپ قېلىش، قىچىشقاق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.


سىيادان مېيىدا ھالۋايى سوم ياساپ يېسە، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى توسىدۇ. جۈملىدىن تەبىئىي ھارارەتنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پايدىلىق. سىيادان مېيىغا زەيتۇن مېيى، كۈندۇر قوشۇپ ئىچسە ۋە چاپسا جىنسىي ئاجىزلىققا ۋە پالەچكە شىپا قىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.