تەييارلاش ئۇسۇلى: بىر كىلوگرام كۇچۇلىنى 5 لېتر قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ئاندىن سۇس ئوتتا بىر لېتر سۈيى قالغىچە قاينىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ كۇچۇلىنى سۈزۈپ سىقىپ تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ سۈيىگە كۈنجۈت مېيىنى قويۇپ يەنە سۇس ئوتتا قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا ئېلىپ قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: پەينى چىڭىتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: بەلغەمدىن بولغان پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا سىرتتىن مايلايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.