تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇۋاز ياكى سىقىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: جويۇز كىسلاتاسى،(مىرستىك كىسلاتاسى)، قاتتىق ياغ كىسلاتاسى ( ستېئارات كىسلاتاسى)، يۇمشاق ياغ كىسلاتاسى (پالمىتىك كىسلاتاسى)، پالمىتولېئىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، يەل ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: مۇپاسىل، سۈيدۈك، ھەيز تۇتۇلۇش ۋە قىچىشقاقلارغا ئىشلىتىللىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە مەزكۇر ماي بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا تاماق قىلىپ بېرىلىدۇ. مۇپاسىل ۋە قىچىشقاقلارغا ئۈچۈن يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.