تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇۋاز ياكى سىقىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، يەرلىك ئورۇننى قىزارتىش، تېرىنى پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھازلىق، قورساق سوغۇقتىن ئېسىلىش، باھ ئاجىزلىق، سۈيدۈك ۋە ھەيز توسۇلۇپ قېلىش، سەپكۈن، بەھەق، بەرەس (ئاق كېسەل) قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: زاغۇن مېيى ئادەتتە تاماققا ئىشلىتىلىدۇ. 2 گرام زاغۇن مېيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، يىگۈزسە ئىشتىھاسىزلىق، قورساق ئېسىلىش، باھ ئاجىزلىق، سۈيدۈك، ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. زاغۇن مېيىغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇپ يېسە، ئەرلەر جىنسىي ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلەر، سەپكۈن، بەھەق، بەرەس قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ. لوڭقىنىڭ ئىچىنى زاغۇن مېيىدا مايلاپ ئۈستىگە يالتىراپ تۇرغان چوغنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىياز ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، ئۇرۇق ئېتىلىپ ئىس چىقىشقا باشلىغاندا لوڭقىدىكى چوغنى ئېلىۋېتىپ، لوڭقىنى ئاغرىغان چىش تەرەپ قۇلاق ئاستىغا قويسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ. ئېغىزى تار، كىچىك مېتال قاچىغا ئاق پىياز ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، قاچىنىڭ ئاستى تەرىپىنى زاغۇن مېيى قويۇلغان جىن چىراغ ئوتىدا قىزدۇرۇپ، پىياز ئۇرۇقى ئېتىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ چىققان ئىسىنى ئىنچىكە نەيچە ئارقىلىق ئاغرىغان چىش ئىچىگە كىرگۈزسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.