تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىنەپكىتى ئۇرۇقىنى چېقىپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ، سوغۇق بېسىش ئۇسۇلى (پىرىسلاش) بىلەن مېيى ئېلىنىدۇ. ماي نىسپىتى %33 ئەتراپىدا بولغاندا، يەنە بېسىپ بولغان كۈنجۈرسىنى 35 گرادۇستا قىزىتىپ، پرىسلاپ %10 لىك مېيى ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: ئابدىمىلىك مېيى كىسلاتاسى، گىلىتسېرىد بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنەپكىتى كىسلاتاسى تەخمىنەن %88 نى ئىگىلەيدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئىچىنى سۈرۈش، ئارام بېرىش، ئۈچەي توسالغۇلىرىنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: سۇلۇق ئىششىق، بالىياتقۇ ۋە دوۋساق ياللۇغى، قۇلۇنجى، بوۋاسىر، تەمرەتكە، قارا داغ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىنەپكىتى مېيىنى مىس قاچىغا سېلىپ ئېغىزىنى ھىم يېپىپ ئوتتا قويۇپ ماي قىزىغاندا 40 گرام مايغا 0.2 گرام كافۇر سېلىپ، قاچىنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ كافۇر ئېرىگەندە قاچىنى ئېلىپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئېچىپ ئېلىپ تەييارلاپ چوڭ تەرەتتىن كېيىن مەقئەتنى مايلاپ بەرسە بوۋاسىرغا مەنپەت قىلىدۇ. ئىنەپكىتى مېيىنى يىلان قاسرىقى، قىچا مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تەمرەتكە، قارا داغ، كوزاز (قاتما) غا پايدا قىلىدۇ. ئىنەكپىتى مېيىغا ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، مىس قاچىدا ئېرىتىپ، ھۆقنە (كلىزما) قىلسا يۈرەك سانجىقىغا شىپا بولىدۇ. بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ھەمەل قىلسا پايدا قىلىدۇ. قۇلۇنجىغا ئىنەپكىتى مېيى بىلەن سوپۇنلۇق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ كلىزما قىلسا شىپا تاپىدۇ. ئىنەپكىتى مېيى قەۋزىيەتلىك ئەھۋاللاردا تەرەت كەلتۈرىدىغان مەشھۇر دورا بولۇپ، ئاياللار، بالىلار، ياشلار، ياشانغانلارغىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. ئېمىدىغان بالىلارغا 6 مىللىلىتىر ئىنەپكىتى مېيىنى ئازراق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يالىتىپ قويسا، قەۋزىيەتنى ئاسان بوشىتىدۇ. ھامىلدارلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىنەپكىتى مېيى بىلەن مايلىسا، سوغۇقتىن بولغان خەدەر (پۇت-قوللارنىڭ قولۇشىشى) گە پالەچكە شىپا بولىدۇ. ئىچىش ئۈچۈن چوڭلارغا 24-12 مىللىلىتېر، كىچىك بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.