تەييارلاش ئۇسۇلى: سىقىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
تەركىبى:
ياڭاق مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %50-%40 ماي، %15.4 ئاقسىل، %10 كوربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، فوسفۇر، تۆمۈر، كاروتىن قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسىق
خۇسۇسىيىتى:
باھنى، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئەزائى رەئىسلەرنى قۇۋۋەتلەش، بولۇپمۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، ھەرخىل جاراھەت ۋە چاچ چۈشۈش، پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ياڭاق مېيىدا سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە داۋاملىق تاماق قىلىپ بەرسە ئوزۇق بولىدۇ. بۆرەكنى، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يەرلىك ئورۇننى مايلىسا، ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. پەيلەرنىڭ يىغىلىپ قالغىنىغا پايدا قىلىدۇ. ياڭاق مېيىنى ھەسەل بىلەن ئېلىشتۇرۇپ چاپسا پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. سوغۇقتىن بولغان پۇت-قول قولۇشۇش كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، پۇت-قول ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ. ياڭاق مېيىنى ئەنجۈر بىلەن يېسە ئېچىنى يۇمشىتىدۇ. ياڭاق مېيىنى فۇپەل بىلەن ئىچسە، قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددىنى چۈشۈرىدۇ. يەرلىك ئورۇننى مايلىسا قىچىشقاق، تاز، ئۈششۈك يارىلىرى ۋە قولتۇق تەرلەپ سېسىق پۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. ياڭاق مېيىنى ھەسەل، پىياز، تۇزلار بىلەن چاپسا غالجىر ئىت چىشلىگەنگە پايدا قىلىدۇ.
سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر ياڭاق مېيىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا چاچنى قارايتىپ پارقىرىتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.