تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقىرىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش
تەركىبى: ئېمۇلسىن، ئاچچىق بادام فېرمېنتى ۋە ئامىگدالىناز قاتارلىقلار بار. باشقا تەركىبلىرى ئاساسەن ئاچچىق بادامغا ئوخشايدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
خۇسۇسىيىتى: ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، تارتىشىپ قالغان پەيلەرنى بوشىتىش، ئاۋازنى ساپلاشتۇرۇش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قۇسۇشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: قۇلاق ئاغرىقى، مېڭە، باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئۆپكە ياللۇغى، كونا يۆتەل، دەم سىقىش، مۇپاسىل، تېرە كېسەللىكلىرى، ئۇچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، تولغاق، ئۈچەي سانجىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بادام مېغىزى مېيىنى كەتىرا بىلەن شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنى سوقۇپ، ماي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە قۇرۇق يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. ئاۋازنى ئېچىپ، كاياننى ساپلاشتۇرىدۇ. ئۈچەيلەرنى يۇمشىتىدۇ. بادام مېغىزى مېيى سۈرگۈچى دورىلار، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ۋە كۇمىلاچ دورىلارنىڭ غىدىقلاش تەسىرىنى يوق قىلىدۇ. بادام مېيىغا مۇناسىپ دورىلارنى قوشۇپ قۇلاق، كۆز ئاغرىقلىرىغا تېمىتىسا ئاغرىق پەسىيىدۇ. بادام مېيىنى ھەر كۈنى 10 گرامدىن ئىچسە ھامىلىدار ئاسەن تۇغىدۇ. بادام مېيىنىڭ ئۇچۇچان مېيىدىن بادام سۈيى تەييارلاپ، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىنىڭ ياللۇغى، كۆكيۆتەل، قۇرۇق يۆتەل، يۈرەك سانجىقى ۋە ئاشقازان ئاغرىقلىرىغا ئىچىشكە بېرىلىدۇ. بادام مېيىدا پالەك بىلەن تاماق قىلىپ يېسە مالېخۇلىيا كېسىلىگە قۇرۇقتىن بولغان پۇت-قولىنىڭ پەيلىرىنىڭ يىغىلىپ تارتىشىپ قېلىش كېسىلىگە ۋە قۇرۇقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. بادام مېيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاق موم، كاسىنە سۈيى، سېمىز ئوت سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىگەر ئۈستىگە چاپسا ئىسسىقتىن بولغان جىەەر كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.