تەركىبى: ئاپتاپپەرەس مېيىنىڭ تەركىبىدە %34 مايلىق كىسلاتا گىلىتسېرىدى، %57 زىغىر مېيى كىسلاتاسىنىڭ گىلىتسېرىدى، %3.6 يۇمشاق ماي مىسلاتاسى، %2.9 قاتتىق ماي كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق
خۇسۇسىيىتى: سىلىقلاشتۇرۇش، يۇمشىتىش، سۈت كۆپەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: قەۋزىيەت، ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى، ھامىلىدار ئاياللاردىكى سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈك يوللىرىدىكى ياللۇغلىنىش، ئەمچەك ئىششىقى، بۇغۇملار ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئاپتاپپەرەس مېيىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن قوشۇپ، قاينىتىپ ئىچسە، تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، سۈيدۈك ئېچىشىپ كەلگىنىگە پايدا قىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن ئىچۈرسە ئەمچەك ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ. سۈينى راۋان قىلىدۇ. ھامىلدارلىقتىكى سۇلۇق ئىششىقنى قايتۇرىدۇ. قىيىن تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بالا ھەمراھىنى چۈشۈرىدۇ.
تاماق قىلىپ بەرسە ھەم سىرتتىن سۈركەپ بەرسە ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ. چىيقان، غەلۋىرەك قاتارلىق كېسەللىكلەر ئېغىز ئالمىغاندا ئاپتاپپەرەس مېيىنى سۈركەپ ھەم ئىچىدىن ئىچۈرسە ئېغىز ئالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.