28

03-2012

ھازىردا ياشاش

سىز خۇدانىڭ ھەر قۇتلۇق كۈنى ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «مەن بۈگۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلالىشىم مۇمكىن؟» دەپ سوراڭ.
بىراۋ ئۇرۇقنى تۇپراققا كۆمۈپ، ئۇرۇقنىڭ قاچان ئۈنۈپ چىقىشىدىن خاۋاتىرلىنىپ قالسا، ئۇرۇقنى ئېچىپ تىنماي كۆرۈپ باقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كىشى ئۇرۇققا زىيان سېلىپ قويىدۇ-دە، ئۇرۇقنى مېۋە بەرگۈزمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز توختاۋسىز ئىشلەۋېرىڭ، ئارقىڭىزغا قارىماڭ، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، سىزنىڭ مېھنەتلىرىڭىز ھامان مېۋە بېرىدۇ.
ھاياتتا چەكسىز ۋاقىت يوق، بارى پەقەت كۆز ئالدىڭىزدىكى ئۆتكۈنچى لەھزىلەرلا خالاس، بىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىز مانا شۇ لەھزىلەردە خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا، سىز بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى مۇشۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى لەھزىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈڭ.
بىز ئۆزىمىز ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، شۇنداقلا تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋالقى ھاياتنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيمىز، چۈنكى، بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىز ۋاقىت-زامان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ ھەقىقىي ھاياتىمىز ۋاقىت-زامان سىرتىدا بولىدۇ.

دۇنيادا گۇناھ يوق

ئادەملەر ئۆز بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولۇشىدۇ-يۇ، ئۆزى پەيدا قىلىپ قويغان بەختسىزلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىق بولىدۇ، بىز شۈكرى قىلىپ ياشىساقلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىرى بىلىنمەيدۇ. بىز يولۇققان قىيىنچىلىقمىز بىزنىڭ بار كۈچ بىلەن ئۇنى يېڭىپ تاۋلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.
مۇبادا، سىز بىتاب بولۇپ قالسىڭىز، سەۋر قىلىڭ؛ ناۋادا سىزگە باھا بېرىشسە، ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر، سىز ئار-نومۇسقا قالسىڭىز ئۇنداقتا كىچىك پېئىل بۇلۇڭ. مۇبادا، ئۆلۈم يېقىنلاشسا، مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ.
بارچە ھەقىقىي ئۇلۇغۋار ئىشلار ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.
ئەسكى مىجەز شۇنىڭ ئۈچۈن زىيانلىقكى، ئۇ سىزگە زىيان سېلىپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئىللەت باشقىلارغا يۇقىدۇ. ناۋادا، سىزنىڭ كەيپىڭىز چاغ بولمىسا، بىر مەزگىل يەككە-يېگانە ياشاپ بېقىڭ، كەيپىڭىز ياخشىلانغاندا ئاندىن باشقىلار بىلەن ئارىلاشسىڭىز بولىدۇ.

26

03-2012

ئىدىيە

ئىدىيە

كۆپىنچە يامان ئىش-ھەرىكەتلەر يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئەسكىلىكىدىن بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار باشقىلار ئىپادىلىگەن ئىدىيىنىڭ قەبىھلىكىگە ئىشەنگىنىدىن بولىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھەممە ئىدىيىسى توغرا دەپ قارىۋالماسلىقىمىز كېرەك.
بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىز ئىدىيىمىزدە. ناۋادا، بىز بۇنىڭغا ئىشەنسەك ھەمدە بۇ نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىساق، تالاي رەزىللىك-ئىپلاسلىقلار يوقۇلۇپ، بۇ دۇنيا مېھرىبانلىق بىلەن تولىدۇ.
ھېسسىيات پەيدا بولغاندا، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. بىراق، ئىدىيە ئاشۇنداق ھېسسىياتنى يا قوبۇل قىلىدۇ ياكى سىقىپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئىدىيىمىز ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاساسى.
بىزنىڭ ئىدىيىمىز مېھمىنىمىزغا ئوخشايدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى مەيلى ئۇ ياخشى ياكى يامان ئادەم بولسۇن، دەرىجىسىگە قاراپلا ئەيىبلىسەك بولمايدۇ، ئەمما، بىزنىڭ يامان ئىدىيىنى چۆرۈۋېتىپ، ياخشى ئىدىيىنى ساقلاپ قېلىشقا يەتكۈدەك دەرمانىمىز بار.

سوتلاش ۋە جازالاش

باشقىلارغا باھا بەرمەڭ. مۇبادا، بىراۋ سىزگە باھا بەرسە، سىز يامان گەپ قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالغاندەك بولۇپ قالىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ياشاش نىشانى، ئىلاھىي روھ بىلەن ھەمنەپەس بولۇش. گەپ-سۆزلەر بىزنىڭ نىشانىمىزنى روياپقا چىقىرىشتا ياردىمى بولغان قورالدۇر. گەپ-سۆزلەرنى خاتا ئىشلىتىپ قويۇشتىن پەخەس بۇلۇڭ ھەمدە ھەر خىل گەپ-سۆزلەرگە−ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ھۆكۈمى، كىتابى، يازما ياكى ئاغزاكى گەپ-سۆزلىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ. ئادەمدە غەيرى نىيەت، غەيرى مەقسەت پەيدا قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئادەمنى بىردەك ئۆم-ئىناق قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.
ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ باقماي تۇرۇپ ھەقەمسايىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ.
ھەر بىر جىنايەتكار كىشى ۋىجداننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ناۋادا، ئۇ ئىچىدىن ئازابلانمىسا، باشقىلارنىڭ سىرتىدىن تەن جازاسى بېرىشىمۇ نەتىجە بەرمەيدۇ، بەلكى بۇ ئىش ئۇنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى قوزغايدۇ.

سۆز ۋە ھەرىكەت

سىز بۇ يەردە يامان گەپ قىلسىڭىز، ئۇ يەردە ئەسكى ئىش قىلىسىز. سىز گاھىدا، ئۆزىڭىزنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلماي قالىسىز، ئۇ سۆز-ھەرىكەت مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن. بىز سۆز-ھەرىكىتىمىزنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ئارزۇلىساق، سۆيگۈ دەرىخىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
سۆز-ھەرىكەتتە يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسكۈلۈك. رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك بۇ تەرتىپ ئىنتايىن مۇھىم.
كىچىككىنە ياخشى ئىش-ئەمەللەرنىڭمۇ سىزنىڭ مەنىۋى قىياپىتىڭىزنى يارىتىشقا ياردىمى تېگىدۇ، شۇڭا، ھاياتتا ياخشى ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ. كىچىككىنە، ئانچە مۇھىم بولمىغان ۋە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىر پۈتۈن ھاياتنى تەشكىل قىلىدۇ.
قانداقتۇر نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك. ئەڭ قىيىن شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان تىرىشچانلىق سۈكۈتنى ساقلاپ قېلىشتۇر.
كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلەڭ.
−سوفىزم ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن

23

03-2012

ھەقىقەت

بىر ئېغىز راست گەپ دۇنيادىكى بارچە بايلىقلاردىنمۇ قىممەتلىكتۇر.
يالغان گەپ كىشىنى قانچىلىك مەپتۇن قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، يالغان ئېيتقۇچىنى ئازابلىغىنى ئازابلىغان. بىراۋ ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى تاشلىسا، راست سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ.
سىز باشقىلارنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقىنىڭىزدا، بالىلىق مەزگىلىڭىزدىكى يالغانچىلىق ۋە خاتا قاراشلاردىن ئۆزىڭىزنى خالاس قىلماق بەسى مۈشكۈلدەك، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن قۇتۇلماق بەك تەستەك بىلىنىدۇ. سىز يالغۇز ياشىغىنىڭىزدىلا ئاندىن شۇنداق قىلالايسىز. تىكەندەك يالغۇز ۋاقتىڭىزدا، سىز ھۆكۈم قىلالمىغان ھەر بىر ئىدىيە ۋە تەلىملەرگە شۈبھە بىلەن قارىشىڭىز زۆرۈر.
مۇبادا، ئۆز مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈنلا ھەقىقەتكە تىكىلىشتىن قورقسىڭىز، سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنىڭ شارائىتىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ قويىسىز.

تىرىشچانلىق

ھەممىگە ئايانكى، تىرىشچانلىق بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇ، ھاياتنىڭ ئاساسىي نىشانىغىمۇ، سىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاساسىي نىشانىغىمۇ ماس كېلىدۇ. تىرىشچانلىقىڭىز بولمىسا، سىزنىڭ روھىڭىز ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
ئۆزىدىن قانائەت تاپماسلىق، ئىچكى دۇنياسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەلپۈنۈش، مانا بۇ سىزنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇشىڭىزدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەردۇر. مۇشۇ شەرتلەر ھازىرلانغاندىلا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرالايسىز.
تومۇز يازنىڭ ئىنتايىن پىژ-پىژ بىر كۈنىدىن كېيىن يامغۇر ياغسا، ئادەمگە ئاجايىپ ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتىرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۆزلۈك مەدھىيىلىرىنىڭ ئوتتەك قىزىق، يالقۇنجاپ تۇرغان قۇياشىدىن كېيىنكى كەمتەرلىك بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەرمۇ يېڭى روھ ئاتا قىلىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ھەر قېتىم سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزدە، ئۆز-ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدىكى ئېزىقتۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

ئۆزىنى قۇربان قىلىش

ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان بەدەندىن ئۆزىنى كۆرەلمىگەن ئادەم، بىر ئۆمۈرلۈك ھەسسىلەپ پاراسەتكە ئېرىشۇر.
−بۇددىزم ماقالى
سىز خالىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزنى ئىنسان تەبىئىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيسىز. سىز ئۇنىڭ ئىچىدە ياشايسىز، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىسىز. بىز بىر-بىرىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، بىر-بىرىمىز بىلەن ئارىلىشىش ئۈچۈن يارالغان، بىراق، ئۆز-ئۆزىمىزدىن ۋاز كەچمىسەك، ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
−ماركۇز ئورېلىيۇ
ئۆز ئابرۇيىنى زىيادە ئاياپ كېتىش، روھىي جەھەتتە بىر خىل كېسەللىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى،«مەنمەنچى» ئاتىلىدىغان بىر خىل پسىخىك كېسەللىك پەيدا قىلىدىغىنىدا.
باشقىلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشىسۇن دېسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىدىن سىزنى سۆيۈشى ئېشىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئارزۇيىڭىزنى روياپقا چىقىرىشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى شۇكى، ھەر بىر ئادەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى كۆزلەپ، ھەممە كىشىنى سۆيۈپ ياشىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بارچە كىشى سىزنى سۆيىدۇ، سىز شۇندىلا ئۆزىڭىز تەلپۈنگەن ھاياتقا ئېرىشەلەيسىز.

تىرىشچانلىق

بىز، ئەسلى يامانلىق-رەزىللىكلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياشايمىز. سىز بۇنىڭغا قانچىكى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنچە سىز ئېرىشىدىغان ياخشىلىق-خەيرخاھلىقلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، تىرىشچانلىق ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغان، ئادەمگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىشتۇر.
سۆيگۈ قۇدرىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر بىر توسالغۇلارغا يۈزلىنىڭ.
بىزنىڭ تېنىمىز بىر تۈرلۈك نەرسىگە، روھىمىز بولسا باشقا بىر تۈرلۈك نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال بەكمۇ ئومۇميۈزلۈكتۇر. بىزنىڭ تېنىمىز يېيىشكە ئېھتىياجلىق، بىراق، روھىمىز بولسا يېمىكلىكنى ئاچ قالغان ئادەمگە بېرىشكە ئېھتىياجلىق. سىز بۇلاردىن قايسىسىنى تاللايسىز؟
سىز ھەر بىر ئىشىڭىزدا دىققەت قىلىڭ، ئۆز دىققىتىڭىزنى قىلچە قىممەتسىز دەپ قاراپ قالماڭ.
−كۇڭزى
باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغىنىمىزدا، بىزنىڭ تۇيغۇمىز ھامان تولىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇبادا، بىز باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەر بىزنىڭ يېقىن دوستىمىزغا ئايلىنىدۇ.

ساختا ئىلىم

ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسىدا، ھەرقانداق كونكرېت پەنلەرنىڭ چوڭقۇر بىلىملىرى كەمچىلدۇر.
                             −گېئورگى.C. لېچتېنبېرگ
بۇرۇنقى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى باشقىلار كىتابلىرىغا ئاددىي ھالدا تەكرارلاپ كۆچۈرۈپ قويغان ئىدىيە بولماستىن، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ئەركىن-ئازادە ئىپادىلىگەندۇر.
−رالف ۋالدو ئېمېرسون
ئەمدىلىكتە، ئىلىم-پەن ئىگىلىگەن ئورۇن ئىككى-ئۈچ يۈز يىللار بۇرۇنقى دىنىي جەمئىيەت ئىگىلىگەن ئورۇن بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر ئىككىلىسىدە يىغىلىشلار، قۇرۇلتايلار، ئەنجۈمەنلەر ئۆتكۈزۈلگەنىدى. ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاشلا تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ھالقىلىق ئۇقۇملار كەمچىل ئىدى، ھەتتاكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ ھەم مۆجىمەل ئىدى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئىپتىخارلىقىغا چۆمۈلگەنىدى.
مۇبادا، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىزنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كۆپنى بىلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.