6

03-2012

ۋاقىت

ۋاقىت
  • بىر يىلنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سىنىپتا قالغان بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراڭ.
  • بىر ئاينىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئاي-كۈنى توشمىغان بوۋاقنى توغقان ئانىدن سوراڭ.
  • بىر ھەپتىنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ھەپتىلىك گېزىتنىڭ تەھرىرىدىن سوراڭ.
  • بىر سائەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولىۋاتقان ئاشق-مەشۇقلاردىن سوراڭ.
  • بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پويىزغا كېچىكىپ قالغان بىر يولۇچىدىن سوراڭ.
  • بىر سېكونتنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، (قاتناش) ھادىسىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان كىشىدىن سوراڭ.
  • بىر دەقىقىنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە مىس مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىدىن سوراڭ!
  • قولىڭىزدا بار بولغان ھەر بىر دەقىقىنى قىممەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىڭ!
  • تۈنۈگۈن تارىخ، ئەتە بولسا سىر.

ھاياتلىقتىكى  قىممەتلىك سۆزلەر
  • ئادەم،  « ئادەم»گە ئوخشاش بولۇشى،  خۇددى  ئىككى پۇتى يەرگە دەسسەپ تۇرغاندەك مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.
  • كىشىكلەر بىلە ن قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندە،  كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇڭ،  چۈنكى سەمىمىيلىك ئەسلىدىمۇ بىر گۆھەر.
  • باشقىلارنى تاللىغان ۋاقىتتا، سىزمۇ باشقىلارنىڭ تاللىشىغا  يول قويۇڭ، باشقىلارنى سىنىغان ۋاقتىڭىزدا، سىزمۇ باشقىلارغا سىزنى سېنىشىغا يول قويۇڭ. 
  • كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرغانلىكى نەرسىنى ھەقىقىي رىئاللىق دېيىشكە بولمايدۇ.
  • سەھنىدە  نومۇر ئۇرۇنلىغان  ھەر بىر ئارتىسلارغا  ئالقىش ياڭرىتىشمىز كېرەك.
  • سەن ئۆزۈك پىكاپ ھەيدەپ تۇرۇپ،  ئالاھىتەن ۋېلسىپىت مېنىپ كېتىۋاتقان خىزمەتدىشىڭگە سالام قىلىپ يۈرمە،  باشقىلار چۈنكى سىزنى ئۆزنى كۆز-كۆز قىلدى دەپ قالىدۇ.
  • بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق بولغان دوستىنى تاشلىۋەتكىنى،  ئۆزىنىڭ  قىممەتلىك ھاياتىنى تاشلىۋەتكەنلىكى بىلەن باراۋەر.
  • تۈنۆگۈننى ئېنىق كۆرۈش،  بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش، خۇشال-ىۇشال ئەتىگە بېقىش كېرەك، تۈنۆگۈندىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىش،  بۈگۈندىن نەتىجە كۆرۈش، ئەتىگە ھەرىكەتلىنىش كېرەك.
  • ياخشى ئادەم بىلەن غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈڭكى،  ئەسكى ئادەملەر بىلەن زىياپەتتە بولماڭ
  • ئۆزۈڭنىڭ سەمىمىيلىكىگە شۇنچىلىك ئىشەنسەڭمۇ،  باشقىلارنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا ئۇنىڭدىن بەكىرەك ئىشىنىشىڭ  كېرەك.
  • ئادەتتە ئۆزىڭىزنى ئاقلايمەن دەپ يۈرمەڭ،  لېكىن بەزىبىر ئىدىيە،  بەزىبىر تاللاش،  بەزىبىر ھەق-ناھەقلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىڭىز كېرەك.
  • ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈشىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كىشىگە بىلدۈرۈپ يۈرمەڭ.
  • كۆپ سۆزلەش ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئادەم كۆپ بولغان ئاممىي سورۇنلاردا ئاز سۆزلەڭ.
  • بىر كىملەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقىلارنى يامان ەىپىنى قىلىپ قالسا، سىز پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى.
  • ياش ۋاقتىدا ئۆز بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئادەم، كېيىن چوقۇم شۇنداق بىخىل بولۇپ كېتىدۇ،  قېرىغان ۋاقىتلىرىدا  قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان دۇنياخور بولۇپ كېتىدۇ.
  • ئەگەر بىز بىراۋ بىلەن دوست بولماقچى بولساق،  ئۇنداقتا ئاۋۋال باشقىلار ئۈچۈن ئازىراق ئىش قىلىشمىز كېرەك، ئۇنىڭغا ئازىراق ۋاقىت،  كۈچ- غەمخورلۇق، تەقدىم قېلىش  دېگەنلەر بولغاندا  بولىدىغان ئىش.
  • يوشۇن يەردە  دوستۇڭغا نەسىھەت ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىن،  لېكىن  چوڭ ئاممىي سورۇنلاردا  چوقۇم ئۇنى ماختىغىن، تەرىپلىگىن.
  • مەڭگۈ سەرقانداق بىر  ئادەمگە ھەم سېنىڭ بىلەن  ئەڭ ياخشى ئۆتمەيدىغان ئادىمىڭگىمۇ چېتىلىپ قالمىغىن.  سەن ئۆزۈڭنىڭ جىدىلىنى ئويناۋەرگىن، مەن ئۆزۈمنىڭ خىزمىتى بىلەن ھەلەك بولاي.
  • ئۆزۈڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەمنى ھۆرمەت قىلىش، پەلەكتە دەۋازچىلىقتا ماڭغانغا ئوخشاش بەرداشلىق بېرىش كېرەك.
  • ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ھەر بىر كۆرسەتكۈچ بەلگىسى بۇ «باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن سۆز يېزىلغان بولىدۇ.
  • ئۆزنى تەنقىدلەش كىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، ئۆزنى ماختاش لېكىن ئۇنداق ئەمەس.
  • باشقىلارنىڭ دوستكۇقىغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسەن، ئاۋۋال باشقىلارغا ئۆزۈڭنىڭ دوستلۇقىنى ئىپادىلىشىڭ كېرەك.
  • تەقدىر بىلەن ۋەزىيە ناھايتى زىچ باغلىنىشلىق، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئۆزۈڭنى ئېچىشقا ماھىر بولساڭ، ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرىنىڭ خوجىسى بولالايسەن.
  • ساڭا كەڭ- كۇشادە، ئوچۇق-يورۇق سۆز قىلالايدىغان ئادەم، سىزنىڭ يېقكىن دوستىڭىزمۇ بولالايدۇ.
  • تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى كۆرۈنمەس بىر ئويما پىچىقىدۇر، ھەممە ئادەمگە شەكىل چىقىرىدۇ.
  • باشقىلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق قىلغنالىقىنى كۆرۈش ئەمەلىيەتتە ئۆزنى كەمسىتىش بىلەن ئوخشاش
  • ئەركەك بىلەن ئەركەك ھەققىقەت يولىدا دوست بولۇر، پەسكەش بىلەن پەسكەش  نەپ پايدا يولىدا دوست بۇلۇر.
  • ئۆزىنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىش، دۇنيانىڭ  قاراڭغۇز زۇلمەتكە تولغانلىقى بولمايدۇ،  باشقىلارنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىش، يورۇقلۇق  ئۆزڭىزىگىلا تەۋە بولۇپ كەتكەنلىك بولمايدۇ.
  • ئەڭ ئاسان يېقىلىپ كېتىدىغان جاي ئىگىز چوققا ئەمەس بەلكى تۈپتۈز يولدۇر،  ئورەككە چۈشۈپ كەتكەن ئادەم پەقەت يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىلا ئاندىن چىقىش ئېغىزى تاپالايدۇ.
  • ئاكا-ئىنىلار دوست بولالمايدۇ،  لېكىن دوستلار دائىم ئاكا-ئىنى بولىشىدۇ.
  • باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى قىلىشقا تىگشلىك دەپ بىلسەك بولمايدۇ،  چوقۇم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىشمىز كېرەك.
  • نەپ-پايدىسى سەۋەبىلىك  سىز بىلەن دوست بولغان كىشى،  پايدىسىز بولغانلىق سەۋبى بىلەن سىزدىن دوستلۇقىنىمۇ ئۈزۈشىمۇ مۇمكىن. 
  • باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزى ئۈچۈنمۇ  پەقەت سىزنىڭ ئىچكى قەلىب دۇنيايىڭىز سىزغان رەسىمدۇر.
  • سەن غەزەپلەنگەن ۋاقتىىڭدا، ئاغزىڭنى چىڭ يۇمىۋالغىن،  ئاچچىقىڭنى تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ——-سۇكرات
  • ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ئۆزىنى جازالىغانلىق.
  • تۇرمۇشتا ئەگەر دوستىڭىز بولمىسا،  خۇددى تۇرمۇشتا  قۇياش نۇرى بولمىغانلىق بىلەن باراۋەر .
  • ئەتىكى ئۈمىد بىزنىڭ بۈگۈنكى ئازابىمىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
  • ھاياتلىقتا ئەگەر ئارزۇ ، ئۈمىد، تىلەك دېگەنلەر يوقاپ كەتسە،  ئۇنداق ھاياتلىق پەقەت بىر دۆۋە قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
  • نۇر چېچىش پەقەت قۇياشنىڭلا خاسلىقى ئەمەس، سىزمۇ نۇر  چاچالايسىز، بۇ راست.
  • ئەقىلسىز كىشى جىسمانىي جەھەتتىن قەلبىنى كۆزىتىدۇ،  ئەقىللىق كىشى قەلبى ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتنى كۆزىتىدۇ.
  • بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۆزڭىزدىكى بار بولغان ھەممە نەرسىنى قەدىرلەش، يوق بولغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇش كېرەك.
  • ئاچكۆزلۈك ئەڭ سەمىمىي بولغان كەمبەغەللىك. قانائەت ئەڭ سەمىمىي بولغان بايلىقتۇر.
  • سىز مۇھەببىتىڭىز بىلەن پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكىلى بولىدۇ،  سىز ھەم  نەپرىتىڭىز بىلەن پۈتۈن دنيادىن مەھرۇممۇ قالىسىز.
  • ئادەمنىڭ قىممىتى،  ئېزىقتۇرۇشقا  دۈچ كەلگەن ۋاقىتتىكى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا بېكىتىلىدۇ.
  • ياشلىق بىزنىڭ بىردىنبىر كەلگۈسىمىز تۈزدىغان ھوقۇقلۇق دەۋىر.
  • مۇھەببەتتىن سۆز قالمىغاندا، بارلىق نەرسە مەنىسىز بىلىنىدۇ
  • ھەقىقىي مۇھەببەت ھاياتلىق مۇساپىسىدىن، كەڭ قۇرساقلىقتىن، ھېسىياتنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك.
  • ئادەم بىردىنلا ئويغانغاندا، ئۆزدىن تاشقى نەرسىلەرنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىدۇ. يەنە ئۆزىنىڭ قەلبى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.
  • پەقەت ئىشەنچ بولسىلا، ئادەم مەڭگۈ مەغلۇب بولمايدۇ.
  • مەيلى قاچاندىنبېرى باشلاڭ، مۇھىمى باشلىغان ئىكەنسىز توختىتىپ قويماسلىقىڭىز لازىم.
  • مەيلى سىز قاچانلا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،  مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا پۇشايمان قىلماڭ.
  • ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىزدۇر.
  • ئادەمنىڭ باتۇرلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى.
  • «مۇمكىن بولمايدۇ» پەقەت ئەخمەقلەرنىڭ لۇغىتىدىلا مەۋجۇت.
  • بىكار تەلەت ئادەمنىڭ ئەقلنى داتلاشتۇرۋېتىدۇ.
  • ھەر بىر ئىشنى  كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلاش كېرەك.
  • بارلىق مەغلۇبىيەتلەر،  ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن  قولدىن كەتكەندىن قارىغاندا، تېخى ئېچقانچە ئىش ئەمەس.
  • پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن  ئاغرىنغان ئەمەس، كىشىلەر تېخى پەرۋەردىگەرنىڭ  ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن.
  • گۈزەل ھايات ئارزۇ ئۈمىدكە، خۇشاللىققا، مىننەتدارلىققا تولغان بولۇشى كېرەك،
  • دۇنيادا كىشىنى ئەڭ ھاردۇردىغان ئىش، ئالدىغا باسمىغان ساختلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈشتۇر.
  • يارىتىش مەندىن يارىلىش ئۆزۈڭدىن
  • سىز ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ.
  • ھاياتلىق بەكمۇ قىسقا،  بۈگۈن ۋاز كەچكەن نەرسىڭىزنى ئەتە قولغا كەلتۈرەلىشىڭىز ناتايىن.

 

كاللا تۇماق كىيىشكىلا يارالغان ئەمەس

 پەرۋەردىگار ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى تۇماق كىيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پىكىر قىلىشقا ياراتقان. ـــيەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن
   ۋوئود ئىسىملىك بىرەيلەن 100 دانە غاز باققانىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە غازلىرىدىن 20 سى ئۆلۈپ قاپتۇ. ئۇ يەھۇدىي باستېرنىڭ يېنىغا كېلىپ غازنى زادى قانداق باقسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. يەھۇدىي باستېر ئۇنىڭ گەپلىرىنى زەڭ سېلىپ ئاڭلىغاندىن كېيىن سوراپتۇ:
 ــ غازلىرىڭىزنى قاچان باققىلى ئاچىققانتىڭىز؟
 ــ چۈشتىن ئاۋال.
 ــ ھەي، راستتىنلا بىمەھەل ۋاقىتتا باققىلى ئاچىقىپسىز ـ دە، غاز دېگەننى چۈشتىن كېيىن باققىلى ئاچىقىش كېرەك ئىدى.
  باستېرنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئۇ ئۆيىگە خوشال قايتىپتۇ. بىراق، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە كەپتۇ:
 ــ باستېر ئەپەندى، غازلىرىمدىن يەنە 20 سى ئۆلۈپ قالدى!
 ــ ئۇنداقتا، غازلىرىڭىزنى نەدە باققانتىڭىز؟
 ــ ئۆستەڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە.
 ــ ھەي چاتاق قىپسىز! غاز دېگەننى ئۆستەڭنىڭ سول تەرىپىدە بېقىش كېرەك ئەمەسمىدى.
 ــ ياردىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت باستېر، پەرۋەردىگار مۇرادىڭىزغا يەتكۈزگەي، ــ دەپتۇ ۋوئود.
 ئۈچ كۈندىن كېين ئۇ يەنە يۈگۈرۈپ كەپتۇ:
 ــ ئاپلا باستېر ئەپەندىم، غازلىرىمدىن يەنە 20سى ئۆلۈپ قالدى دېمەمسىز!
 ــ ئۇنداق ئەمەستۇ ئوغلۇم! غازلىرىڭىزغا نېمە بەرگەنتىڭىز؟
 ــ قوناق.
 ــ باستېر بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن دەپتۇ:
 ــ چاتاق قىپسىز ـ دە، غاز دېگەنگە قوناقنى شۇ پېتى بەرمەي يارما تارتىپ بېرىش كېرەك ئىدى.
 ــ تەشەككۈر سىزگە باستېر ئەپەندىم، ماڭا بەرگەن ئۈگۈت ـ نەسىھەتلىرىڭىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىزگە ھىممەت قىلغاي!
  يەنە ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ. كۆڭلى يېرىم بولغان ۋوئود باستېرنىڭ ئىشىكىنى ئۈمىد بىلەن چېكىپتۇ.
 ــ ۋۇي، يەنە نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ ــ باستېر ۋوئوددىن مەغرۇرانە سوراپتۇ.
 ــ ئاخشام غازلىرىمدىن يەنە 20 سى ئۆلدى.
 ــ ھېچقىسى يوق، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ، ئۆيۈمگە داۋاملىق كېلىپ سوراپ تۇرۇڭ. ئېيتىڭا، غازلىرىڭىز قانداق سۇنى ئىچكەنىدى؟
 ــ ئەلۋەتتە ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ـ دە!
 ــ ھەي، چاتاق بوپتۇ، يامان قىپسىز. غازلارغا ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئەمەس، قۇدۇق سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك ئىدى.
 ــ رەھمەت سىزگە باستېر، ئەقىل ـ پاراسىڭىز بىزدەك مۇرتلىرىڭىزغا ھامان شاپائەت ياغدۇرالايدۇ.
  ۋو؟ود باستېرنىڭ ئوچۇق تۇرغان ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەندە، ئۇ ھەم قېلىن، ھەم كونا بىر كىتابنى كۆرۈپ ئولتۇرغانىكەن.
 ــ تىنچ تۇرۇپسىزمۇ، باستېر ئەپەندى؟ ــ ۋوئود باستېرغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىپتۇ.
 ــ پەرۋەردىگارنىڭ يولىڭىزنى مۇشۇ يەرگە سالغىنىغا ھەيرانمەن. قاراڭا، مەن ھېلىھەم دەل غازلىرىڭىز ئۈچۈن غەم يەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
 ــ غازلىرىمدىن يەنە 20 ئۆلدى، شۇنىڭ بىلەن غازلىرىم پۈتۈنلەي ئۆلۈپ تۈگىدى.
 يەھۇدىي باستېر زۇۋان سۈرمەي ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.
 ــ يەنە بىر قانچە نەسىھىتىم بار ئىدى، ــ دەپتۇ ئۇ بىر ھازادىن كېيىن،
 ــ ئىسىت، دېيەلمەيدىغان بولدۇم ـ دە!
يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ:تۇرمۇش ۋە ئىش ـ ئوقەتتىكى نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەر دەل باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى تىلتۇمار بىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. تەپەككۈر قىلىشقا ياراتقان. شۇڭا، ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا باشقىلار بىلەن ئەقىللىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرىدا چوقۇم ئۆز ئەقلى بىلەن يەشكۈلۈك!

سۆيگۈ-مۇھەببەت

بىز تۇرمۇشىمىزنى بىر-بىرمىزدىن قېلىشقۇسىز ئۆزگەرتىمىز، بىراق، پۇل-پۈچەك، سوغا-سالام، تەنبىھ-نەسىھەتلەرگە ئەمەس، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تايىنىپ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
خۇدا سۆيگۈدۇر، شۇڭا كىشىلەر خۇدادىن قورقماسلىقى كېرەك. كىشىلەر قانداقسىگە سۆيگۈدىن قورقىشىدۇ؟ خۇدانى سۆيگەندە، دۇنيادىكى ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان بولىمىز.
خۇدا ئاسمان-زېمىننى ياراتتى، ئەمما، ئاسمان-زېمىننىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خۇشاللىق تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بۇ خۇشاللىقلارنى بايقىيالايدىغان، ئىدىيە-قاراشقا ئىگە جانلىقلارنى ياراتتى. بىز مانا شۇ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە يارىتىلغانمىز، بۇ بىر پۈتۈن گەۋدە ئۆزىنى سۆيۈشى شەرت.
سۆيگۈ−مەلۇم بىرىگىلا بولغان سۆيگۈ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارغا بولغان مەنىۋى سۆيگۈ−بىزنىڭ قەلب كۆرۈنىشىمىز، بىز ئۆز روھىيىتىمىزنى چۈشەنسەك، ئۆز روھىمىزنى چۈشىنەلەيمىز.

روھنىڭ بىردەكلىكى

 

4

03-2012

خۇدا

خۇدا

قىشنىڭ ئوچۇق كېچە ئاسمىنىغا ئۈمىد بىلەن باققىنىڭىزدا، دانە-دانە چاراقلاپ تۇرغان بىساناق يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر، سىز ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ يەر شارىدىن نەچچە ھەسسە چوڭلۇقىنى، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئارقىسىدا مىڭلىغان (ھەتتا، مىليونلىغان) تېخىمۇ چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ ساقلىنىپ تۇرغىنىنى، ئاسماننىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يەتسىڭىز، سىز ھەتتا ئاسماننى بىلىپ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. مانا بۇ سىز ئېيتىدىغان خۇدانىڭ قۇدرىتى.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا يەنە بەزى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىختىيارسىز ئويلاپ يەتكىنىدە، ئۆزىنىڭ مەلۇم ئادەملەر نىشانىغا يېتىدىغان ۋاسىتە-قورال ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدۇ.
خۇدا مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ماكان-زاماندىن ھالقىپ ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ تۇرىدۇ. خۇدا پۈتكۈل بولۇملاردۇر. كۈللىيات خۇدا ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خۇدادىن ئۆزگە يەنە بىر خۇدا مەۋجۇت ئەمەس. جىمىكى نەرسىلەر خۇدا ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بارچە ھاياتلىق پەيدا بولغاندا، يوقلۇقتىن بار بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ھەممىسى خۇدادىن تۆرەلگەن. ئەزرائىل بىزنى ئېلىپ كەتكەندە، بىزنى يوقلۇققا ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى بىزنى خۇدانىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

ئادەم تېنىگە ئەمەس، روھىغا تايىنىپ ياشايدۇ. سىز بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكىنىڭىزدە، كۈللى جانلىقلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشتەك بىر خىل تۇيغۇنى ھېس قىلىسىز.
يەر شارىمىزدا ئۆز روھىمىزنىڭ مەنبەسىنى تاپالمايمىز، ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرىدىنمۇ ئۇنى تاپالمايمىز، كەلگۈسىمىزدىنمۇ شۇنداق. بىز ماددىي دۇنياغا ئوخشىمايمىز−بىزدە روھ-مەنىۋىيەت بار.
ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرەي دېسىڭىز، بارچە جانلىقلارغا ھېسداشلىق قىلىڭ. سىز: «ئۇ پەزىلەتلىك بولغان بىلەن ھېسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ» دېسىڭىز بولمايدۇ، شۇنداقلا «مۇنۇ كىشىدە ھېسداشلىق بولغان بىلەن بەك رەھىمسىز-ياۋۇز» دېسىڭىزمۇ بولمايدۇ. بۇنداق دېيىش، بىمەنە.
باشقىلار بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلىنىڭ.

2

03-2012

روھ

روھ

قۇرت-قوڭغۇزغا سېلىشتۇرغاندا ئادەم ئاڭلىق كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ بۈيۈك ۋە مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بىراق، يەر شارىنىڭ چوڭلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ تولىمۇ كىچىك، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ. قۇياشقا سېلىشتۇرغاندا، يەر شارى كىچىك بىر زەررىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقا غايەت زور يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، قۇياش يەنىلا كىچىك. بېشىمىزدىكى قۇياش ۋە يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنىڭ جىسمى قانچىلىك؟ ھېچقانچە ئەمەس.
كىشىلەر بەزىدە: «سىز خۇدانى ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. بۇ ياخشى سورالغان سوئال. خۇدانى ئۇنتۇش، سىزنىڭ ئۆز ئىچىڭىزدە باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت بولغان ئۇ بىرسىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. خۇدانى ئەستە چىڭ تۇتۇش، راستتىنلا چەكسىز چوڭ ئىش−خۇدانى ياد ئېتىڭ، بىراق ئېغىزدىلا ئەمەس، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىر بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇڭ.
مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنى روھىي مەۋجۇدىيەت دەپ بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بارچە ئازابلاردىن ئازاد قىلالايسىز. مەيلى سىز قانچىلىك بەختسىزلىككە يولۇقماڭ، قەلبىڭىز يارىلانمايدۇ.

1

03-2012

ئېتىقاد

ھەر بىر ئادەم ئۆز قەلبىدە مەلۇم ئۇلۇغۋار نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسى دىندۇر.
دىننىڭ پەرھىزلىرى تولىمۇ ئېنىق ۋە ئاددىي، كىشىلەر ئۇنى بىلمەيمەن دەپ سەۋەب كۆرسەتكۈدەك يوچۇق قالدۇرۇلمىغان.
قەۋم ئىچىدە بىر مۇپتى بار ئىدى، ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ كۆرمەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: «ئۇستاز، ئەمەل قىلمىساق بولمايدىغان ئەڭ چوڭ پەرھىز قايسى؟» ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا ئېيتتىكى: «پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل نىيەت-ئىقبالىڭىز بىلەن رەببىمىزنى سۆيمەك. مانا بۇ پەرھىزلەرنىڭ بىرىنچىسى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا، بەندىلەرنى سۆيۈڭلار، دېگىنى. بۇ ئىككى پەرھىز دىنىمىز ئەھكامى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىز ئەمەل قىلىدىغان ئومۇمىي قائىدە-يوسۇنلاردۇر.»
−«ماتتې ئىنجىلى» 22-پارە، 35-40 سۈرە
چىن ئېتىقاد ئاتا قىلغان ئەقلى ئىقتىدارنىڭ قۇدرىتى، ھەر خىل ئېتىقادلارنىڭ ئاساسىدۇر. خۇدانى تۇنۇشتىن ئىبارەت شۇ خىل ئەقلىي قۇدرەت تۆۋەن مۆلچەرلەنسە، خۇداغا ھەقىقىي ئىشىنەلمەيسىز.