ۋاقىت
بىر يىلنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سىنىپتا قالغان بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراڭ. بىر ئاينىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئاي-كۈنى توشمىغان بوۋاقنى توغقان ئانىدن سوراڭ. بىر ھەپتىنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ھەپتىلىك گېزىتنىڭ تەھرىرىدىن سوراڭ. بىر سائەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولىۋاتقان ئاشق-مەشۇقلاردىن سوراڭ. بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پويىزغا كېچىكىپ قالغان بىر يولۇچىدىن سوراڭ. بىر سېكونتنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى(…)