قىسمەت قايتىپ كەلدى
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-03-2012 | خەتكۈشلەر: تۇرمۇش ، قىسمەت ، مۇۋەپپەقىيەت
قىسمەت نەگە كەتتى؟
كۆپ كىشىلەر تېلېفون ۋە ئېلخەت ئارقىلىق، مەندىن مۇشۇ سوئالنى سوراشتى. ئۇلارغا لايىقىدا جاۋاب بېرىپ، ئۆز ئەھۋالىمدىن خەۋەرلەندۈردۇم.
گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام، بۇ سوئالنى ئۆزۈمدىنمۇ نەچچە قېتىم سورىغاندىمەن، ئىلگىرىكى قىسمەت نەگە كەتتى؟ ئۇ پائالىيەتچان، ھەممىگە يېتىشىدىغان ئىنسان ئىدىغۇ؟
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان قىسمەت ھەقىقەتەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئەڭ مۇھىمى كۆڭلى جايىدا بولمىدى. بلوگىغىمۇ قاراپ بولالمىدى: بىر نەچچە يازمىنى يېزىپ بولۇپ، ئۆچۈرۈۋەتتى. دېمىسىمۇ «كۆڭلۈم پاراكەندە، بۇرادەرلەر، يازمامنى ئوقۇپ سىلەرمۇ پاراكەندە بولۇڭلار» دېسە بولمايدۇ-دە…
شۇنداق قىلىپ، ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئاقىۋەت قىسمەت قايتىپ كەلدى، يەنە بىر قېتىم قاسراق يېڭىلاپ قايتىپ كەلدى. بۇ يېتىشلىك ئىنسان بېشىغا كەلگەن نۇرغۇن جاپالار، دىشۋارچىلىقلار، كۆڭۈل ئاغرىقلىرى ھەممىسىنى ئىلگىرىدەكلا ناھايىتى جايىدا ھەل قىلىپ، يەنە مەردانە قىياپەتتە قايتىپ كەلدى.
قىسمەت بۇ جەرياندا نېمە ئىش قىلدى زادى؟
ئۇمۇ بىر ئاددىي ئىنسان-دە! ياشىدى شۇ.
ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىنىڭ نەچچە ئايلىق كېسەل ئازابىنى يېڭىشىگە ھەمدەمدە بولدى. گەرچە دەرتنى تارتىشىپ بېرىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئەرلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى.
يىغلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغان بۇ ئىنسان بۇ قېتىم يىغلاپ تاشلىدى. پەرزەنتىنىڭ يورۇق ئالەمگە كۆز ئېچىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ ياشاۋاتقان قىسمەت بۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلالمىدى: قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، سوغۇق جاندىن ئۆتىدىغان قىش كېچىسىدە كوچىلاردا يالاڭ كىيىم بىلەن مەجنۇندەك يۈگۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ «ساراڭكەن» دېيىشىگە پەرۋا قىلماي، «ئوغلۇم» دەپ ۋارقىرىدى.
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئۆيىگە ئوت كېتىپ، بىر مۇنچە دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچرىدى.
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان يەنە بىر پەرزەنتىنى ئاخىرى قايتۇرۇپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئائىلە ئىنسانىي مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭدى.
يېڭى قۇرۇلغان شىركىتى بىر مەزگىللىك قۇرۇلۇش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بەزى تۈرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ۋە كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇل سالدى.
شۇنداق قىلىپ، قىسمەت ئاخىرى قايتىپ كەلدى: ئىلگىرى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە، ئوقۇتقۇچى ھۆرمىتىدە، ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى سالاھىيىتىدە ياشىغان قىسمەت ئەمدى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، بىر تۈركۈم غوللۇق پىروگراممىرلارنىڭ يولباشچىسى سۈپىتىدە، ئوقۇتقۇچى ھۆرمىتىدە، ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى سالاھىيىتىدە، «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ھالىتىدە قايتىپ كەلدى.
شۇنداق، مەن قايتىپ كەلدىم، بۇرادەرلەر! پائالىيەتچانلىقىدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ، رېئال تۇرمۇشتا جاپالىق كۆرەشلەرگە ئىشتىراك قىلغان مەن قايتىپ كەلدىم.
تۇرمۇشۇمغا، خىزمەتلىرىمگە ئاسايىشلىق، بەرىكەت تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن! قادىر ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن!
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: سىدام قىسمەتلەر (2)
ۋاقتى: 2012-يىلى 17-مارت 15:56
ئاللا ئىشلىرىڭزغا ئاسانلىق بەرسۇن .ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كىتىدۇ …….
ۋاقتى: 2012-يىلى 17-مارت 18:57
قايتىپ كېلىپ ياخشى قىلدىڭلار ، ئاللاھ ئىگەم ئىشىڭلارنى ئاسان قىلسۇن .
ۋاقتى: 2012-يىلى 17-مارت 23:11
دېمىسىمۇ ئۇزۇن بولدى،يوقاپلا كەتتىڭىز.پات-پات تۇرايىڭىزغا كىرىپ يوقلاپ تۇردۇم.قارىسام پەقەتلا يېڭى يازما يازمىدىڭىز. بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن چېغى دەپتىكەنمەن. «ھەر بالالار كېلىدۇ،ئوغۇلبالىنىڭ باشىغا، سايدا تۈگمەن چۈگلەيدۇ،كۆزدىن ئاققان ياشىغا» دېگەندەك، ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا بىر قىسىم تاسادىبى ھادىسلەرگە،ئېغىر كۈلپەتلەرگە يولۇقۇپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇمۇ بىر ئوغۇلبالا ئۈچۈن بىر مۇشەقەتلىك سىناق. بۇنىڭدىن پەقەت ئۆز ئىشەنچى،ئېتىقادى، غەيرەت-جاسارىتى بار كىشىلەرلا مۇۋاپىقەيەتلىك ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى،سىز يەنە بۇرۇنقىدەكلا غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا دادىل قەدەم تاشلاپ ماڭغۇچىلاردىن. ئاللاھدىن بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمەن. تەپەككۇرى چوڭقۇر،تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-يىلى 18-مارت 10:41
رەھمەت بۇرادەر!
ۋاقتى: 2012-يىلى 20-مارت 12:44
قىسمەت ئاكا، سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزۈممۇ بىر سەگىگەندەك بولدۇم، تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل سىناقلىرى مىنىمۇ كۈتمەكتە. سىزگە ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئاسانلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!
ۋاقتى: 2012-يىلى 21-مارت 16:43
قىسمەتكا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلىشىنى تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2012-يىلى 24-مارت 17:28
سۈرەتكە بەك چىرايلىق چۈشۈپلا،ئىگەم ئالتۇن تەنلىرىنى ئامان قىلسۇن!