(بۇ سوئالنى مۆلجەرى سورىغان)
ئەمما مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى باش ئەگدۈرەلمىدىڭىز؟ بۇنىڭغا قايىل بولامسىز؟ گەرچە شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار سىزگە پايدىلىق بولۇپ مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزىڭىزگە ئاجىزە قىلالىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما شۇنچە يىل ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىڭىز. بۇ ئىشتا ئۆزىڭىزدىن قانداق يوچۇقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى تونۇپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟
«سىزنى مۇرىتىم دەپ ئاتىدىم، مېنىڭچە پانىي ئالەمدىكى ھەممىڭىزلەر مېنىڭ ۋاستىلىق ۋاستىسىز مۇرىتىمسىلەر.»
كەچۈرۈڭ، مەن سىزنىڭ مۇرىتىڭىز بولۇشنى خالىمايمەن.
«مەن سىزنىڭ مۆلجەرى دېگەن ئىسمىڭىزغا قاراپ سىزنى ئەينى چاغدىكى ئۇچتۇرپان ئەمرى، كېيىنكى چاغلاردىكى تەخت ساھىبى بولمىش مۇھەممەد ئىمىن خانمىكىن دەپ ئويلايمەن…»
بۇ ئويىڭىزنىڭ ئاساسى بار.
سىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزنى بوي سۇندۇرغانلارنىڭ دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزدىن خەۋىرىم يوقكەن.
مۆلجەرى
ئى مۆلجەرى (مۇھەممەد ئىمىن خان):
سىز «پىر» بولمىش سۇلتانۇل مۇھەققىقىنگە قول بەرگەن تۇرۇقلۇق «مەن سىزگە مۇرىت بولۇشنى خالىمايمەن» دەپسىز، سىزدىن كۇپۇرلۇق ئۆتتى. دەرھال تۆۋە-ئىستىغپار ئېيتىپ، ئايىغىمغا باش قويۇپ گۇناھىڭىزنى تىلەڭ.
« ئەمما مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى باش ئەگدۈرەلمىدىڭىز؟ بۇنىڭغا قايىل بولامسىز؟ گەرچە شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار سىزگە پايدىلىق بولۇپ مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزىڭىزگە ئاجىزە قىلالىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما شۇنچە يىل ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىڭىز. بۇ ئىشتا ئۆزىڭىزدىن قانداق يوچۇقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى تونۇپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟ »
مەن زاھىرەن كۆرۈنۈشتە مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا يېڭىلدىم. سىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ماھىيەتلىك قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئاقىۋەت سۈلۈك مۇرىتلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز . سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يېڭىشىم بولماي نېمە؟!
دەرۋەقە مەن مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. ئەمدى بىلدىمكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش مۇساپىسىدە ھەقىقەتەن ئەرلەر ئاياللارنىڭ تەڭدىشى ئەمەسكەن. سەئىدىيە قېنىنى ئۇنى تومۇرىدىن تولۇق تازىلاپ بولالماپتىمەن. بۇ جەھەتتە ئۆزرىلىكمەن. «دۈشمەن ساڭا باش ئەگكەندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى مەڭگۈ ساڭا باش ئەگمەيدىكەن» مەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن سەل قاراپتىمەن. بۇ سەھۋەنلىكلىرىم مۇرىتلىرىمغا ساۋاق بولغاي!
خەير ، سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.
ئاپاق خوجا توغرا ئەيتىدۇ بىر يۇز نەچچە يىل دەۋىر سۇرگەن، نى-نى باھادىرلا جەڭ ئىلان قلىپ تەۋرىتەلمىگەن سەئىدىيە خانلىقى ،مۇشۇ ئاق-پىشماق ئاپاق خوجىنىڭ قولىدا تۇگەشتى ،
بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟……..
2011/02/18
ئىچىدىن سېسىغان نەرسىگە ئامال تاپماق تەس …
2011/02/18