باش بەت > ئايفون > تەۋسىيە : قوللىنىشچان ئەپ – سىمسىز مائوس Mobile Mouse Pro

تەۋسىيە : قوللىنىشچان ئەپ – سىمسىز مائوس Mobile Mouse Pro

2011-يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى ئىنكاس يېزىش ئىنكاسلارنى ئوقۇش

ئىلگىرى AppStore دا 3 دوللاردىن قىزغىن سېتىۋېلىنغان بۇ چاياندەك ئەپنىڭ ئايفون نۇسقىسىنى بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. مەن ئايفوننى دەسلەپتە ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمدا 91 دىن چۈشۈرۈپ سىناپ باققان ئىدىم. ھازىرقى نەشىرى تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ كۆركەم ئىكەن. بۇ ئەپ سىزنىڭ ئايفون ياكى ئايتاچىڭىزنى بىر دانە سىمسىز مائوسقا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مائوسلا ئەمەس. كونۇپكا تاختىسىنى ئايفوننى بىر ئۈستىگە سىلكىش بىلەنلا پەيدا قىلالايسىز. ئاستىغا سىلكىسىڭىز كىرىپ كېتىدۇ. سىلكىگەندە كونۇپكا تاختىسى چىققان چاغدىكى ئاۋاز «شاق! شاق!» قىلىپ بەك پەچەت چىقىدۇ تېخى. ئادەمنى بەك نوچى بىر نەرسىنى ئىشلىتىۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. :-D

بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى بولسا Wifi سىمسىز تورى ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا ئۇلىنىپ، كومپىيۇتىردىكى قاچىلانغان باشقۇرۇش پروگراممىسى ئارقىلىق كومپىيۇتىرىڭىزنى ئوخشاش يەرلىك توردىكى ئايفونىڭىزغا ئۇلايدۇ. شۇڭا 1 دانە 路由器 دىن چىققان يەرلىك توردا خىزمەت قىلىدۇ. كومپىيۇتىرغا قاچىلايدىغان پروگراممىنى بۇ توربەتكە چىقىپ مۇناسىپ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان سېستىمىلار :

- (Mac OS X Tiger/Leopard/Snow Leopard (Intel/PPC

- (Windows XP/Vista/Windows 7 (32/64bit

ئېكراننى يانتۇ قىلىش ئارقلىق مائوسنى تېخىمۇ چوڭ قىلغىلى بولىدۇ. 快速启动 نىڭ ئىچىدىكى دائىم ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىمىزنىمۇ بايقىيالايدىغان بولۇپ، بۇنى شاق! قىلىپ كونۇپكا تاختىسىنى چىقىرىپ، تاختىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى جاينى بېسىپ كۆرەلەيمىز. تاختىدىن قالغان ئىقتىدارلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ بىلىۋالالايسىز. كومپىيۇتىردىكى باشقۇرۇش پروگراممىسىدىن تىزلەتمە كونۇپكا تەڭشەپ بىرلا بېسىپ بەلگىلەپ قويغان پروگراممىنى قوزغىتىش ئىقتىدارىمۇ بار. ئىشقىلىپ بەكلا قولاي بىر ئەپ. ئىشقىلىپ قولدىن بېرىپ قويماڭ!

ماۋۇسى مېنىڭكى. پروگرامما لوگولىرى قارىماققا ئايفوندا XP دىن كۆپ چىرايلىق كۆرىنىدىكەن.

ئەپ ئىسمى : Mobile Mouse Pro

ياسىغان شىركەت : RPA Tech INC

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 5.7 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ پروگراممىنىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

  1. ھىچقانداق ئىنكاس يوق
  1. نەقىل يوق.
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

Switch to our mobile site