ئايفون4 نى ئىشلىتىپ بۇلارنى بايقىغانمىدىڭىز؟ (داۋامى)
ئالدىنقى تېمىمىزدا ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكىسى ئۇ تېمىنىڭ داۋامى. بۇلارنى بۇرۇن سىز بىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن سۆزلىگىنىم بوپقالسۇن. ئايفون قولىڭىزدا ئىسراپ بولمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئەرزان نەرسە ئەمەس، ئازراق بولسىمۇ مېغىزىنى چېقىش كېرەك، ئەلۋەتتە!
ئايفوننىڭ سىز كۆرىۋاتقان ئىكراندىكى سۈرەتنى تارتىش ئىقتىدارى بار. بۇ مەشغۇلات ناھايىتى ئاسان. ئۈستىدىكى بۇ رەسىمگە ئوخشاش، ئاستىدىكى يۇمىلاق كونۇپكا بىلەن ئۈستىدىكى قۇلۇپلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا رەسىم ئامبىرىغا ھازىرقى ئېكراندا كۆرۈنگەن كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قويىدۇ.
سىز ئايفونغا تەخمىنەن 200 پارچە ناخشا قاچىلىدىڭىز. لېكىن سىز بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 ناخشىنى داۋاملىق ياقتۇرۇپ ئاڭلايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز قويۇش لېستىسى تۈزىۋالسىڭىز، كىيىن ئايپودنى ئېچىپلا شۇ لېستىنى چېكىپ ئىچىدىكى 50 ناخشىنىلا ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇنىڭ مەشغۇلاتى ناھايىتى ئاددىي. ئاۋال ئايپودنى ئېچىڭ. ئاندىن سول تەرەپ پەستىكى 播放列表 دېگەن جاينى بېسىپ 2-قۇردىكى 添加播放列表… دېگەن جاينى بېسىڭ. بۇنىڭ يېڭىدىن لېستا قوشۇش بولۇپ، بۇنى بېسىپ نام بېرىسىز. ئاندىن ئايفونىڭىزنىڭ مۇزىكا ئامبىرىدىكى ھەممە ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا قوشىدىغان ناخشىلارنى بىر-بىرلەپ تاللاپ بېرىپ 完成 نى بېسىپ تاماملىسىڭىز بولىدۇ.
ئايفون ناھايىتى خاسلاشتۇرۇلغان تېلفۇن بولغانلىقى ئۈچۈن مەشغۇلاتلار ئىنتايىن قولايلاشتۇرۇلغان. چۈنكى ئالما شىركىتىدە سىزدەك خېرىدارلارنى قانداق قىلساق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلات بىلەن تەمىن ئېتەمىز دەپ كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرىدىغان ئىنژىنىردىن نەچچە مىڭى بار. سۈرەتكە تارتىشتىكى ئەڭ پەچەت ئىقتىدارى قول بىلەن يىنىك بېسىش ئارقىلىقلا فوكۇس نوقتىسىنى تەڭشەش. يەنە باسقاندىن كىيىن ئاستى تەرەپتە سىيرىلما تاياقچە كۆرىنىدۇ. بۇنى ئوڭ-سول سۈرۈش ئارقىلىق سۈرەتنى سىفىرلىق چوڭايتىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. لېكىن بۇ ئوپتىكىلىق چوڭايتىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى رەسىمنى كومپىيۇتېردا چوڭايتىپ قويغاندەكلا بىر ئىش. شۇڭا سۈرەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئىھتىياج بولمىسا ئەسلى چوڭلۇقتا تارتقىنىڭىز ئەۋزەل.
ماۋۇ ئىقتىدارىنى ئالدىنقى بىر تېمىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىم ئېسىمدە. ئېلخەت، قىسقا ئۇچۇر باش بېتى، ئايپود سىن ھۆججەتلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەربىر قۇردىكى ھۆججەت تېمىسىنىڭ ئالدىغا قولىڭىز بىلەن ئوڭ ياكى سولغا سۈرسىڭىز ئۆچۈرۈش تىزىملىكى كۆرىنىدۇ. بۇ ئۈستىدىكى تەھرىرلەشنى بېسىپ، ئاندىن ئالدىغا سىزىق قويۇپ ئاندىن ئۆچۈرۈشنى باسقانغا قارىغاندا كۆپ قولاي. بۇ يەنە باشقا جايلاردىمۇ كۈچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. قول تىقىپ سىناپ بېقىڭ.
ئايفون سەزگۈ ئېكرانلىق مەھسۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈرۈپ چاپلاش بىر قەدەر قولايسىز. نېمىلا دېگەن بىلەن 2 كونۇپكا بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش يوق. تاللىماقچى بولغان مەزمۇننى تېكىست بولسا بىرلا چېكىپ قويۇش ئارقىلىق تىزىملىك پەيدا قىلالايمىز. ئۇنىڭدىن تاللاش، ياكى ھەممىنى تاللاش دېگەن تۈرنى بېسىپ، تاللىماقچى بولغان دائىرىنى ئىككى تەرپتىكى يىڭنىنى سۈرۈش ئارقىلىق تاللىۋېلىپ ئۈستىكى بۇيرۇق تىزىملىكىدىن كۆچۈرۈش ياكى كېسىش مەقسىتىگە يېتىمىز. ئاندىن چاپلىماقچى بولغان جايغا يىنىكلا بېسىپ چاپلىساقلا كۇپايە. يەنە بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس.
تور بەت كۆرىۋاتقىنىمىزدا ياقتۇرغان بىرەر پارچە رەسىمنى ساقلىۋالغۇڭىز كەپمۇ قالامدۇ؟ بۇ ناھايىتى ئاسان. رەسىمنىڭ ئۈستىگە چېكىپ قويىۋەتمەڭ. تىزىملىكتىن رەسىمنى ساقلاش دېگەن جاينى باسسىڭىزلا سۈرەت ئامبىرىڭىزغا بۇ رەسىم كىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر PDF ھۆججىتىنىڭ ئۇلىنىشى بولسا بۇ ئۇلىنىشنىمۇ بىسىپ تۇرۇش ئارقىلىق iBooks ئامبىرىغا قوشىۋەتكىلى بولىدۇ. ھەممە ئۇلىنىشلارنى قويىۋەتمەي بېسىپ تۇرسىڭىز ئىشقىلىپ بىرەر ئۆزگىرىشنى كۆرەلەيسىز. مۇشۇنداق ماتىلاپ يۈرۈپ بەلكى يەنە خېلى نەرسىلەرنىمۇ ئۆگىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئىشقىلىپ بىكار تۇرماي ئايفوننىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى تاتىلاپ كۆرۈڭ. سىز ۋە بىز بىلمىگەن سىرلار تېخى كۆپ بولىشى مۇمكىن.
ئۇچۇر يازغۇچە نەچچە ھەرپ باسقىنىڭىزنى، ئۇچۇرنىڭ نەچچە ئۇچۇرغا بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقىنى (كۆپ مەزمۇننى قوللىمايدىغان تېلفۇنغا ئىۋەتىپ قالسىڭىز) بىلگىڭىز بارمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئايفون سىزگە ھەرپلەرنى ساناپ بېرىدۇ. بۇ ئىقتىدارى دەسلىۋىدە تاقاقلىق بولىدىغان بولۇپ، بۇنى تەڭشەك ئارىسىدىن ئېچىۋەتسەكلا بولىدۇ. 设置 دىن 短信 نى تاللاڭ. ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى 字符统计 نى ئېچىۋېتىڭ. ئەمدى ساناۋاتامدا؟
ئەمەلىيەتتە سىز ئايفوننى ئىشلىتىش قوللانمىسىنى دەپتىرىنى ۋاراقلاپ كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا بۇ قوللانما بار. سىز Safari نى ئېچىپ كىتاپقا ئوخشىغان رەسىمدىكى ساقلىغۇچ (书签) دېگەن جاينى بېسىڭ. ئۇنىڭ ئىچىدە iPhone 使用手册 دېگەن بىر جاينى كۆرىسىز. بۇنى بېسىپ ئايفونىڭىزنى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشەنگەيسىز.

مەندە بۇنداق نەرسىلەر يوققۇ!
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 23rd, 2011 at 12:03
قايسى نەرسە يوق بېگىم؟