«كىچىك قەشقەرلىك» نىڭ سېسىق گەپلىرى
ئىزدىنىشتا بىر چاغدا «قەشقەرلىقنىڭ سېسىق گېپى» دەيدىغان ئاجايىپ قىززىغان بىر تېما بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرىغا ھەرقايسىمىز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن «سېسىق» گەپلەر قوشۇلۇپ بىر كىتاب يازغۇدەك نەرسىلەرمۇ يىغىلىپ قالغان ئىدى. شۇ تېمىدىكى ئاشۇ گەپلەرنى بەزىدە دوستلار ئارا ئولتۇرۇشلىرىمىزدا دىيىشىپ كۈلۈپ يېتىۋالاتتۇق. نەچچە كۈن بۇرۇن مېنىڭ ئەمدى 4 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم دېگەن بۇ سۆزلەر مېنىڭ راسلا ھاردۇقۇمنى چىقاردى…
مۇشۇ قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئىدى، كەچلىك تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق. ئۆيدە ئۇكام بېقىپ قويغان 2 مۈشۈك بولىدىغان، ئوغلۇم ئۇ مۈشۈكلەرگە شۇنداق ئامراق بولدىكى، بىردەم ئارامىدا قويمايتى. ھېلى قورسىقىنى مىجىۋالىدۇ، ھېلى ئالدىغا يۈگرەپ كېلىپ قورقىتىدۇ، ھېلى ئېگىز كۆتۈرۈپ تاشلىۋېتىدۇ. ئىشقىلىپ ئامراقلىقىدىن خېلى قىيناپ قوياتتى. لېكىن ئۇكامنىڭ «ھاي ئۇنداق قىمما، ئۆتتۈرەپ قويىسە»، « ئۇنداق قوقاتما، قوقانچاق بولاپ قالىدا!» دېگەن «ھاي»لىرىغا پەرۋامۇ قىلمايتى. ئاخىرى ئۇكام قاتتىقراق قىلىپ «ۋاي ئۇنداق قىمما دېگەندىكىن گەپ ئاڭلىساڭ بوممامدا؟!» دېيىشىگە ئوغلۇمدىن ئىنجا كەلدى:
- يووووو ، ھەجەپ دەۋىيىدىكەنشە، مۈشۈكۈڭ نەچچە پۇلتى؟ مەن بى ئالاي!
ئىچىۋاتقان چاينى پۇقۇۋەتتىم! قورسىقىمنى تۇتۇپ دومىلاپ كېتىپتىمەن ئا گەپنى ئاڭلاپ. ھېيت بولۇپ قولىغا پۇل كىرىپتىكەن ئاۋۇ نوچىنىڭ، يانچۇق توم بولغاچ پۇلنى ئاقسا خەجلەپ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ ماڭغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ ماۋۇ نوچىنىڭ، دىدى ئاپاممۇ قاتتىق كۈلۈۋېتىپ.
مەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىسى بىلەن تېخى بىر قېتىملا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرمۇ سېغىنغان چېغى، مەن ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئۈلۈشكۈن كەچ ئاپىرىپ قويدۇم. كەچ بولغاچ ئۆيگە كەلگۈچە ئۇخلاپ قالدى. ئوغلۇم چىقمايمەن دېسە قېينى ئانام تېلفۇندا جىق بەزلىگەن ئوخشايدۇ، «ۋاي تاتلىق بالام، بىزنىڭ ئۆيگە كەلسەڭ ئۇنداق تاتلىق نەرسە بار، بۇنداق ئوبدان نەرسە بار» دەپ. ئەتىسى ئاپام ئۇ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ نەۋرىسىدىن ئەھۋال سوراشقا تېلفۇن قىپتۇ:
- ھە بالام قانداقراق ئۇخلاپسە؟
- ئوبداياق
- تاتلىق ئاناڭ (چوڭ ئانىسىنى شۇنداق ئاتايدۇ) نېمە ئەپ قوياپتىكىن ساڭا؟
- پوق ئەپ قوياپتىكىن شۇنى يەتىمە!
…
ئەسلى ئۇ كەچتە ئۇخلاپ قالغاچقا ھېچنىمە بەرمەيلا كىرىپ ئۇخلىتىپ قويغانكەن. شۇڭا بەك كۆڭلىگە كەپكەتكەن چېغى. بۇ «يۇمۇر» نى ئاڭلاپ ئاجايىپ مەستلىكىم كەپكەتتى ئۇنىڭغا. شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم. خۇدا خالىسا ئاخشاملىققا كىرىپ ئەچىقىۋېلىپ ئۆزۈم بىر سوراپ باقىمەن!
تەبەسسۇم مال توشۇش ئورنىغا 2 يېشىك نەرسىمىز كەپتىكەن، جىددى ئىشىم بولغاچ كىرىپلا يۈكنى ماشىنىغا قويدۇم، مال بېرىدىغانلار ئىشىم ئالدىراشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشىكتىن چىقىشتا دەرۋازىۋەن ئاكىمىزغا بېرىدىغان ھېلىقى قەغەزنى بەرمەيلا بولدى مېڭىۋەرسىلە، مەن ئۆزۈم دەپ قويىمەن دېدى. ماقۇل دەپلا مېڭىپتىمەن. لېكىن ئۇ ئاكىمىز توسىۋېلىپ زادىلا ماڭغۇزمىدى. ئۇنى دېسەم بۇنى دەيدۇ، بۇنى دېسەم ئۇنى دەيدۇ، زادىلا قويۇپ بەرمىدى.
- ئا قەغەزنى بەمىسىلىرى بوممايدۇ، بېرىپ ئەكەپ بەسە
- ئاكا ئىشىم بەك جىددىي ئىدى، خاپۇمماي ئۆزلىرى سوراپ باقسا، مېنى كېتىۋەسىلە دېگەنتى ئاشۇلا ئۆزى
-ياق ئۇكام، چىم بوسا ئوخشاش شۇ بوممىسا چىقامايمىز. بېرىپ ئەكىلىۋەتسە
-ۋاي ئاكا يا بى تونىمايدىغان ئەدەملە ئەمەس بىزمۇ، بېرىپ ئەكىلىۋاسىلىرى بولىدىغۇ، ئىشىم بەك جىددىيتى دەيمە
-يو ئاللا! دادىسى مىندۈرۈپ قويغان بولغىيمىتى، مېڭىۋەسىلە غوجام! ماشىنىلىرىنىڭ پودىقى چۈپ قاممىسۇن يانا! مەن ئۆزەم ئەكىلەي! دېدى ئاكىمىز قەغەزنى ئەكەلگىلى ماڭغاچ.
ئا گەپنى ئاڭلاپ سوغاق تە چىكەتتى ۋە «جىددىي» ئىشىمغا مېڭىۋەردىم.
بىر ئاغىينىمىز تاكسى شوپۇرى ئىدى. ئۆتكەندە بىر مەسنى كەچتە سوقىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. گەرچە بۇ بىر ياخشى بولمىغان ئەھۋال بولسىمۇ ئاغىينە بالىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دېگۈچە كۈلۈپ پەقەتلا ئاغزىغا گەپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئاغىينىمىزنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆزىدىن ئاڭلىدۇق:
ئۇ كۈنى كەچ يامغۇر يېغىۋاتقان، ماشىنىنى ئىككى خەنزۇ توستى. چىقىرىپ يۈەنفاڭ بازاردىن يېڭىشەرنىڭ يولىغا كېلىۋېتىپ ئەگىلىپلا بىر مەسنى كۆردۈم يولنىڭ قاق ئوتتۇرىدا. تورمۇزغا ئۈلگۈرمەيلا سوقاپ تاشلىدىم. ئاپلا مەن تۈگەشتىم دەپ ئويلاپ نېمە بولا ئەمدى دەپ ماشىنىدىن چۈشەي دەپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئا مەس دەس قوپاپلا ماڭا قاراپ دەلدەڭشىپ كەلدى:
- ئوغاۋالوووووو! مۇشۇندا ھەيدەمتۇق ماشىنىنى؟
مەنمۇ نەدىن كەلدى ئۇ گەپ ئاغزىمغا، ئۆھتەملىك بىلەن دەپتىمەن:
- سىلىگىمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پوق بامىتى چەتتە ماڭماي؟
- ھىق (ئىچىگە قەشقەرچە بىر تارتىۋېتىپ) ! سوقاشنى سوقاپ بولاپ گەپ بەك يوغانغۇ!؟ دەپلا مەن تەرەپكە كەلدى. مەن قورقۇنچتا ماشىنىدىن چۈشمىگەنتىم. ماشىنىنىڭ كەينىدىكى 2 تەتەيمۇ بەك قورقۇپ كېتىپتىكەن، ئا مەس تەتەينى كۆرۈپلا:
- يوووووو! ماشىنىدا خۇجىنتاۋ بامىتى؟ نېماندا يوغان سۆزلەيدىكى دەيمە؟! ماڭسا غوجووووووم ماڭسا! دەپلا يولغا سەپ قويدى، كېتىۋەدىم. بۈگۈنگىچە ساق ھەيدەپ يۈرۈيمەن، بىرەسى ئىزدىمىدى، دىمەسما! نەدىن كەلدى بۇ كۈلكە! كۆزىمىزدىن ياش چىكىتىپتۇ كۈلۈپ …

ياۋ پاناھ… قاشقالىق دىگەننىڭ ھە… ئانىسى نىمىدە ئىغىزلاندۇرىدىكى باللىرىنى
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 14th, 2011 at 22:36
ما گەپنى دېمىسىلىرى تېخى پەقەت ئويلاپ باقمىغانكەنمەن. شۇ چاغدا راس بىر ئادەمنى بەك گەپدان ئەدەم، دىنغىمۇ ئوبدان ئىخلاسى بار دەپ ئاتايىن 1 كۈن ساقلاپ دادام ئاپىرىپ ئېغىزلاندۇرغان ئېسىمدە.
كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئانام بىلەن بىللە شەھەرگە (قەشقەرگە) باردۇق، بۇرۇنقى ماي تىياتىرىنىڭ ئالدىدا قاتار شەپكىچىلەر باركەن، يولدا كېتىپ بىرپ ، بىر شەپكىچى ئالدىغا قويۇۋالغان قەپەسكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، قەپەسمۇ يامان چىرايلىقكەن، ئىچىدە بىر تۇمۇچۇق باركەن. چوڭ بولۇپ قۇشنى قەپەسكە سولاپ باققاننى تۇنجى كۆرۈشۈم بولغاچ(سەھرادا ھىچكىم توخۇدىن باشقىنى كاتەككە سولىمايدۇ) قىزىقسىنىپ قاراپ تۇمۇچۇقنى ئەكىلەتسەم،ھىلىقى شەپكىچى:
-غوجوم، ناراق تۇسىيە، ماقۇش ئۆلەپ قالىدا باكا سىلىدىن ھۈكۈپ…
دىمەسما، ئاچچىقىم كىلىپ:
-مەن بى يىمەيمە بۇ قۇچقاچلىرىنى…دىيىشىم ھامان ھۆرپىيىپ ئالدىمغا كېلىپ شالاققىدە قەپەسنى ئاچتى. ئاندىن كىيىن:
-يىسىيە ئەمدە….دەيدا….ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ جۇمۇ،،،يامان خىجىل بولغان مەن
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 14th, 2011 at 22:32
بۈگۈن تېخى دوختۇرخانىدا بىر كىشىنىڭ لىفىتتا قىلغان گېپىگە ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتتۇق. كەرەمباغ دوختۇرخانىدا چۈش ۋاقتىدا لىفىت ئاجايىپ قىستاڭ. مىڭ تەستە نۆۋەت كېلىپ ئاران چىقساق ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىپ يۈرۈپ چۈشىدىغان ئادەم يوق قولۇمدىكى تاماقمۇ مۇزلاپ كەتتى. سالانى قوياق سېلىپ ئىشىكنى ئاران ياپتۇق. 5- قەۋەتكە كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپ پەسكە چۈشىدىغان بىر ئادەم قىستىلىپ چىقىۋالدى.
- ئاكا بۇ تېخى تۆپىگە چىقىدۇ. چۈشكەندىن كىيىن چىقسا تەتۈرلۈك قىمماي، يانا چاۋزەي بولاپ كەتتى دېسەك گەپمۇ قىلماي جىم تۇرىۋالدى. ئاخىرى ياش بىر بالا بالدۇر چۈشىۋىلىپ ئاۋۇ ئاكىمىزغا يول قويدى. جاھىللىقىغا قاراپ مېنىڭ بەكلا ئاچچىقىم كېلىپ نەگە بارىتىلە شۇنچە قىستىلىپ ئالدىراش؟ يا پەسكە چۈشمىسە باكا خەقنى چۈشۈرىۋەتلە! دېسەم 10- قەۋەتكە چىقىمەن دەيدۇ، ھەممەيلەن بىراقلا رەددىيە بېرىپ بۇ دېگەن تاق قەۋەتنىڭ لېفىتى نېمىشقا بۇنىڭغا چىقلا دىيىشتى. ئۇ ئادەم ئامال تاپالماي 9-قەۋەتتە چۈشۈپ قېلىپ 1 قەۋەت ماڭىمەن دېسە، ئارقا تەرەپتىكى بىرەيلەن، يامان بەلەن ئويلاپلا، ئاشتا قىسىلا دەپتى، ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. ئا ئەدەمنىڭ تەلەپپۇزى شۇنداق پەچەتكى قويۇق قەشقەر تۈسىنى ئالغان. ئاڭلىغان ئادەم چوقۇم كۈلىۋېتىدۇ…
بەك قىزىق گەپلەركەن،گۈللۈگ تورىغا كۆچۈرۈپ قويدۇم ،بولىدىغاندۇ ھە؟!(كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىراي)
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 14th, 2011 at 22:51
مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ئەمىسە
ماقۇل.رەخمەت.
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
ھە راس گۈللۈگنىڭ ئادرىسى ماۋۇ جۇمۇ(قىلچە ئېلان خاراكتىرى يوق
)
http://www.gullug.com/redirect.php?tid=23&goto=lastpost#lastpost
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 14th, 2011 at 23:33
بىر ئاغىينىمىز بار ئىدى، ئوردا ئالدى بازاردا دۇكان ئاچىدىغان. بەكلا گەپدان. لېكىن قەتئىي چاكىنا ئەمەس. گەپلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىدى. شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئاغىينىمىزمۇ شۇنداق گەپچى، ئوقۇۋاتقان چاغلاردا تەتىلدە بىلەتچىلىك قىلىپ خېلى پۇل تېپىپ قالغان ئىدى. گەپكە ئامراق بولغاچقا بىر كۈنى ئاغزىنى قىچىغلاپ سورىدى:
ھە ئابدۇۋەلى، ئاڭلىساق سىلىنى ئوردا ئالدىنى سوراپ يەيدۇ دەيدىغۇ؟ دېسە دەرھاللا : بىزغۇ ئوردا ئالدىنى سوراپ يەپتۇق، سىلىنى شىندانى سومايلا يەيدۇ دەيدىغۇ؟
——————
سورىغان ئاغىينىمىزمۇ بەكلا ھازىر جاۋاپ. ياز كۈنلىرى ئىدى. بىر – ئىككى ماشىنىلىق بولۇپ سۇغا چۆمۈلگىلى ئاۋاتنىڭ ئامبىرىغا باردۇق. سۇغا چۈشكەندە بۇرادەرلەر ئارامۇ پەدىشەپ بىلەن ئاتايىن ئۇزۇنراق تامبال ئېلىۋېلىپ شۇنى كېيىۋېلىپ چۈشەتتۇقتە. ياناشىمىزدا بۇ ئاغىينىمىز تامبىلىنى يەنە بىر ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپتۇ. نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر يىغىلغاندا تاماق سورۇنىدا تامبىلى ئېسىگە كەپقاپتۇ:
-ھە راس، مېنىڭ تامبىلىم سېنىڭ ماشىناڭدا قاپتۇ ھېلىقى كۈنى
-ۋاي ئۈكېم، جامبا قىلىۋەتتىم تامبىلىڭنى. ئۇنتۇپ كېتە بولدى، دېسە ماۋۇ ئاغىينىمىز قىلچە چاندۇرمايلا:
- ئۇ قىلغىنىڭ ئوبدان بوپتۇ، لېكىن قازان ئېيتىپ تاشلىما، دېمەسما! باللىنىڭ نەچچىسى كۈلۈپ جوزىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىشتى.
————————
ئوردا ئالدى بازاردا ياغلىقچىلىق قىلىدىغان ھېلىقى ئاغىينىمىزنىڭ بىر قوشنىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر ئايال بەكلا ئاۋارە قىپتۇ. نەچچە ياغلىقنى سوراپتۇ، باھاسىنى كەم سورىۋېلىپ يا ئالماپتۇ. ئىچى سىقىلغان ئۇ ئاكىمىزنىڭ تاقىتى توشۇپ، قايسا ئاسىلىرى كۆسىلە، بوممىسا ھەممىنى مالىماتاڭ قىممىسا جىما؟ دېسە ئا چوكاننىڭ ئاچچىقى كېلىپ سۆزلەپلا كېتىپتۇ؟
ۋاي بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ خېرىداغا مۇشۇندا گەپ قىغان باما؟ بىز كەممىسەكچا، پىشت بېسىپ كېتىدا جۇما سىلىنى! دېسە، ئا ئاكىمىز تەمكىنلىك بىلەن:
سىلىزەەەەە پىشت دارىسىكەنلىدە؟ دەپتىكىن قايناق بازادىكى ھەممە سەت كۈلىۋېتىپتۇدە ھېلىقى ئاچىمىز يۈزىنى ئوراپلا يولىغا راۋان بوپتۇ
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
بىز ئاقسۇلۇقلار يا قىززىق گەپ قىلالمايمىز،يا سېسىق گەپ قىلالمايمىز دېسە
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 16th, 2011 at 16:11
سىلەرنى تىللىسىمۇ سىلى-ئۆزلىرىدىن چۈشۈرمەيدۇ دەيدىغۇ؟
- ھۇ ھىجىقىز، قوپاپ باقامسىز! دەپ
rock جاۋابەن:
فېۋرال 23rd, 2011 at 01:02
ئېشەكنى قىتىڭە دەيدۇ دەپ كۇچانىمۇ شۇندا بىر ئاڭلىغان.
بۇ قىزىق گەپنىمۇ كۆچۈرۈپ قويدۇم گۈللۈگكە
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
توققۇزاققا بىر ئاغېنىمىزنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە چوڭلار ئەۋەتكەن يەل-يېمىش، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ چىقتۇق، ئۆيگە باشلاپ تۆرىگە تەكلىپ قىلدى. سىلە ئۆتەڭلا سىلە ئۆتەڭلا دەپ تۆرىنى كۆرسىتىپ بىردەم سالا قىلىشتۇق، بۇنى كۆرگەن بولغۇسى قېينئانا كۇيئوغلىغا: بالام، سىلى بى تەپ بەسە، ئاداشلىرىغا تۆرىنى، دەيدۇ.
بىردەم ئولتۇرۇپ داستىخانغا تېگىش قىلدۇق، ئارىدىن ئېگىزراق بىر ئاغېنىمىز خېيال بىلەن ئولتۇرۇپ قالغان چىغى، قېينئانا يەنە: بالام مەزەگە باقسىيە، دۆڭ يەگە سۇ چىقماپتۇ، دەپ خېيال بىلەن ئوتتراپ كەتلىغۇ…دەيدۇ، تازا كۈلدۇق.
كۈيئوغۇل بولىدىغان ئاغېنىمىز ئالما ئېلىپ سويۇپ ھەممەيلەنگە ئازراقتىن كېسىپ ئۇزاتتى، قېينئانا يەنە قوپتى: بالام نەدىن تاپلا بۇ قەلەمتىراچنى، باشلانغۇچنىڭ بالسىدەك قەلەمتىراچ ئوينىماي، ئاداشلىرىغا پۈتۈن ئۇزاتسىلا ئالمىنى، تۈگەپ كەتمەيدا…
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 20th, 2011 at 12:06
بۇ بالا بەك ئۇماق دىسە…كۈندە بىر كۆرۈۋېتىپ چىقىپ كېتىمەن
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 22nd, 2011 at 23:23
گۈللۈك تور بېتىدە باش سۈرەت تەڭشىيەلمەي قىينىلىپ كەتتىم.
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]