رەسىمنىڭ بىر پۈتۈن تەڭپۇڭلىقىنى قانداق تەڭشەيمىز؟
بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئېلىمېنتنىڭ پۈتۈن بىر مەزمۇننى ئىپادە قىلغاندىكى جەريانىدا، بىر پۈتۈن گەۋدىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئېتىۋار بېرىشمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ. بۇ بىۋاستە رەسىمنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، سۈرەتنىڭ تىپىك زوق بېرىش دەرىجىسىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەممىنىڭ تەڭپۇڭ بولىشى، تولۇق بولىشى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن تۇرمۇشتىن بۇيان تەبىئىي ھاسىل بولغان پىسخىك ئالاھېدىلىكى. شۇڭا كىشىلەر بىر پارچە سۈرەتتىن زوقلانغان ۋاقىتتا بۇ خىل پىسخىكا تەبىئىي ھالدا باھاغا كىرىشىپ كېتىدۇ.
تەڭپۇڭ بولمىغاندا ناھايىتى قولايسىز بولىدىغانلىقىغا مىساللار دېگەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتىمۇ جىق. بىز مۇشۇنداق كۆپلىگەن تەڭپۇڭ شەيئىلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقاچقا بۇ خىل تەبىئىي ھاسىل بولغان پىسخىك ھالىتى بىزنىڭ سۈرەتتىن ھوزۇرلىنىشىمىزدا مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. بىر پارچە سۈرەت قانداق بولغاندا ئادەمگە مۇكەممەل، مۇقىم، تەڭپۇڭلىقى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھېسياتنى بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بايا ئېيتىپ ئۆتكەن «پىسخىك ھالەت» تىن ئوبدان پايدىلىنىش كېرەك.
ئۇنداق بولسا، ھەرقانداق تېمىدىكى سۈرەتتە پۈتۈن شەيئىلەرنى تەپمۇ-تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئاقىلانىلىك بولامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس.
- ئەگەر سۈرەت سالماق، تەمكىن، ئېغىر بېسىق، جىمجىتلىق تېمىسىدىكى سۈرەت بولسا ئۇ چاغدا شەيئىلەر مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھەتتا سىممېتىرىك ماس ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، تەكشى مۇقىم تۈسىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدا جىمجىتلىق، خىلۋەت ۋە ئېغىر بېسىقلىق، سالماقلىق ئىپادە قىلىدۇ.
- ئەگەر سۈرەت نازۇك، ئىللىقلىق ۋە لىرىك تېمىدىكى مەنزىرە سۈرەتلىرى بولسا سىممېتىرىك بولمىسىمۇ، زىچلىق ۋە شالاڭلىق، ھەقىقىيلىق ۋە مەۋھۇملۇق ئارىلىشىپ كەلسە بولىدۇ. لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن يەنە تەڭپۇڭ بولىشى كېرەك. خۇددى ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمدىكىدەك.
بۇ خىل تەڭپۇڭلۇققا ۋاقتى كەلسە مەلۇم مۇددىئا بويىچە يەنە ئازراق خىلاپلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ. سۈرەتتە بىر خىل تەڭپۇڭسىز ھالەت ياساپ ئۇلار ئىچىدە بىر خىل ئەنسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، خۇددى مەلۇم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ھالەتكە ئەكىلىش. بۇ ئارقىلىق ئاساسى تېمىنى يەنە يورۇتۇپ بېرىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكىلىرى ئۈستىدىكى دېيىلگەن سۈرەتتىن نوقۇل پەرق قىلىدىغان باشقا تېمىدىكى سۈرەت. لېكىن بۇ تەڭپۇڭسىزلىق خالىغانچە قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن گەپ ئەمەس.
سۈرەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشتە مونو 5 نوقتا بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
- ئاساسى تېمىنىڭ سۈرەتتىكى ئورنى
- قوشۇمچە شەيئىلەرنىڭ سۈرەتتىكى ئورنى
- مەنزىرىنىڭ ئاساسى تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى رولى
- سۈرەتكە يەنە ئازراق بىكار بوشلۇق قوشۇپ قويۇش
- ئاخىرىدا ئومومى گەۋدىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىش
بۇ 5 نوقتىغا ئۈستىگە قىستۇرۇلغان قىستۇرما رەسىم ناھايىتى ئوبدان مىسال بولالايدۇ. ھەۋەسكار دوسلارنىڭ كىيىنكى ئەسەرلىرىدە ئوبدان پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماۋۇ سۈرەت دانىيەلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشايدىكەن…بەك راھەت كۆرۈندى بۇ يېشىللىق
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 22nd, 2011 at 23:22
سۈرەتنى تارتىشتا ناھايىتى ئۇستىلىق ئىشلىتىلگەن. ناھايىتى راھەت كۆرىنىدۇ …