پارىس مەكتۈپلىرى 3-خەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 18:23:54

پارىس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇئۈچىنچى خەت: شاشىنىڭ يۈنۈسبەگكە ئەۋەتكەن خېتىباش ئاختا قۇلغا بىزنى يۇرتىمىزغا ئاپىرىپ كېلىشنى بۇيرۇۋېدۇق، بېرىپ-كېلىش جەريانىدا ھېچقانداق تاسادىيپىلىقلارغا يولۇقمى...

     


    پارىس  مەكتۇپلىرى

    مۇنتىسكىيۇ

    ئۈچىنچى خەت: شاشىنىڭ يۈنۈسبەگكە ئەۋەتكەن خېتى

    باش ئاختا قۇلغا بىزنى يۇرتىمىزغا ئاپىرىپ كېلىشنى بۇيرۇۋېدۇق، بېرىپ-كېلىش جەريانىدا ھېچقانداق تاسادىيپىلىقلارغا يولۇقمىدۇق؛ بۇ ھەقتە ئۇ ساڭا سۆزلەپ بېرەر. بىز مەپىدىن چۈشۈپ دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە قائىدە بويىچە ساندۇققا (مەپىنىڭ بىر خىلى) بېكىندۇق، ئىككى قۇل بىزنى مۆرىسىدە كۆتىرىپ ماڭدى، بىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ كۆزىدىن ساقلاندۇق.

     سۆيۈملۈك يۇنۇسبەگ، ئىسپاھاندىكى ئارقا ھويلاڭدا قانداقمۇ ياشارمەن؟ بۇ يەر ماڭا ئۆتكەنكى خۇشاللىقلارنى ئەسلىتىپ، ھەر كۈنى مەندە شىددەتلىك تەسىراتلارنى قوزغاپ تۇرىدۇ. مەن قاتار كەتكەن بۇ ئۆيلەر بىلەن ئۇ ئۆيلەر ئارىلىقىدا پەرۋاانە بولۇپ سېنى ئىزلەيمەن، ئەمما سېنى تاپالمايمەن. ۋاھالەنكىك ئۆتۈپ كەتكەن بەخت ھەممىلا يەردە ئۆزىنىڭى رەھىمسىز ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرغان. بەزىدە، ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم سېنى باغرىمغا باسقان ھېلىقى جايغا بېرىپ قالىمەن؛ بەزىدە سەن رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ چىراي تالىشىش ماجراسىنى ھەل قىلغان مەشھۇر جايغا بېرىپ قالىمەن. ئۇ چاغدا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن گۈزەل چاغلنشاتتۇق. پۈتۈن زېھنىمىزنى سەرپلەپ ياسىنىپ-تارىنىپ سېنىڭ قېشىڭغا كىرەتتۇق. سەن بىزنىڭ ھۆسنى-جامالىمىزدا ھاسىل بولغان مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشاللىناتتىڭ؛ بىزنىڭ گۈزەللىك ئۈچۈن قىلغان ئەجرىلىرىمىزنى ماختاپ ئۇچۇراتتىڭ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي سەن بىزدىن سۈنئىي پەدەزكەشلىكنى تاشلاپ، تېخىمۇ تەبىئىي گۈزەل-نازىنىن بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلدىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ئادەتلەردىن تامامەن قول ئۈزۈشىمىزگە توغرا كەلدى. بىز سەن ئوشۇقچە دەپ ھېسابلىغان بارلىق زىبۇ-زىننەتلىرىمىزنى ئېلىۋېتىپ تەبىئىي قىياپىتىمىز بىلەن كۆرۈنىدىغان بولدۇق. مەن بولسام كۆڭلۈمدە ھېچقانداق نومۇس ھېس قىلماي، سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى ئىزلەيتتىم. بەخىتلىك يۇنۇسبەگ، قانچىلىغان نازاكەتلىك قىياپەتلەر ساڭا باقاتتى-ھە! بىز سىنىڭ چەكسىز خوشاللىق ئىلكىدە خېلىغىچە ئارىسالدا بولۇپ تۇرۇپ قالىدىغانلىقىڭنى كۆرەتتۇق. ھەربىر يېڭى جىلۋە سېنىڭدىن يېڭى زوچۇرلىنىشىڭنى تەلەپ قىلغاچقا ھەش-پەش دېگىچە ھەربىرلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرى سېنىڭ لەۋلىرىڭ ئىزلىرى  بىلەن قاپلىنىپ كېتەتتى. سېنىڭ شوخ قاراشلىرىڭ ئەڭ مەخپىي بولۇڭلارغىمۇ چۈشەتتى-دە، بىردەمدىلا بىزنى خىلمۇ-خىل قىياپەتلەرگە كەلتۈرەتتى، ئۈزلۈكسىز يېڭى بۇيرۇقلار چۈشۈپ، يېڭىدىن-يېڭى بويسۇنۇشلار باشلىناتتى. يۇنۇسبەگ، مەن ساڭا راستىمنى ئېيتسام، سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئۇتۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىم، مېنىڭ ساڭا بولغان قىزغىنلىقىمنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكتىن تېخىمۇ كۈچلۈك كەلگەنلىكىدە ئىدى. ۋاھالەنكى، ئاستا-ئاستا مەن سېنىڭ قەلبىڭدە ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللىدىم. سەن مېنى قاماللىۋالىدىغانلا بولدۇڭ. مەندىن ئايرىلىپ يەنە يېنىمغا كېلىۋالاتتىڭ. شۇنداقلا مەنمۇ سېنى قانداق قىلىپ مەھلىيا قىلىۋېلىشنى بىلەتتىم. غەلبە تامامەن ماڭا مەنسۈپ بولدى. رەقىبلرىم ئۈمىتسىزلىك ئىلكىگە چۈشتى. بىز گويا ئىككىمىزدىن باشقا ئەتراپتا ھېچكىم يوقتەك ھېس قىلاتتۇق، چۈنكى ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسە بىز ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنى كۈتۈلمىگەن ئامەت دېيىشكىمۇ  بولاتتى. مېنىڭ ھېلىقى رەقىپلىرىم نېرى كېتىشمەي سېنىڭ سانسىزلىغان سۆيۈشلىرىڭنى قانداق قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقىمغا قاراپ تۇرۇشاتتى! ئەگەر ئۇلار مېنىڭ قىن-قىنىمغا پاتمىغان شاتلىقىمنى كۆرەلىگەندە ئىدى، مېنىڭ مۇھەببىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئوخشىماسلىق بارلىقىنى سەزگەن بولاتتى؛ ئۇلار مەن بىلەن مەنمەنلىك تالىشالىغان بىلەنمۇ، لېكىن مەن بىلەن مۇسابىقىلىشالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنەلىگەن بولاتتى....

     ھوي، مەن نېمىلەرنى دەۋەتتىم-ھە! بۇ بىھۇدە تەسىراتلار نەلەرگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ؟ مۇھەببەتكە نائىل بولماسلىق-بىر بەخىتسىزلىك، مۇھەببەتكە باشتا نائىل بولۇپ، كېيىن تاشلىنىپ كېتىش-ھاقارەت. يۇنۇسبەگ سەن بىزدىن ئايرىلىپ جاھان كېزىشكە كەتتىڭ. نېمە ئۈچۈن؟ ئەجەبا، سەن باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇشنىڭ ئەۋزەللىگىنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، دەپ قالدىڭمۇ؟ ئاھ، سەن ھەقىقەتەن شۇنداق قارىساڭ نېمە دېگەن ئېچىنارلىق! مېنىڭ دات-پەرياتلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ، مېنىڭ كۆز ياشلىرىم سېنى جەلپ قىلالمايدۇ؛ ئارقا ھويلىدا مۇھەببەت گويا ھېلىمۇ ھاياتتەك، ئەمما سەن ماڭغانسېرى ئۇزاپ كېتىۋاتماقتىسەن، سەن نېمە دېگەن تاش يۈرەك-ھە! ئاھ سۆيۈملۈك يۇنۇسبەگ، سەن لەززەتنى بىلگىنىڭدە ئىدى.....

     

     

                                 1711-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، پاتىمە ئارقا ھويلىسىدا 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.